ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىغا نەزەر

gulbostan 2017-01-05 15:59:47

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى 4-يانۋار ھەممىنىڭ كۆزى تىكىلگەن يىغىن مۇھىم مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، تەدبىر بەلگۈلىگۈچىلەر ترامپ يولغا قويغان مالىيە غىدىقلاش تەدبىرى پۇل پاخاللىقى خەتىرى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىقىنى ئەسكەرتكەن، بۇ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ 102 لىك ئۆتكەلدىن چۈشىشى، ياۋرۇنىڭ دوللارغا بولغان پېرىۋوتىنىڭ 1.05 لىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىشى، نەق مال ئالتۇننىڭ يىقىنقى بىر ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى يېڭىلىشىغا بىسىم پەيدا قىلىدىكەن. نۆۋەتتە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسى بۈگۈن كەچتىكى «كىچىك غەيرىي يېزا-ئىگىلىك» سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەتىدىكى ئامېرىكىنىڭ 12-ئايلىق غەيرىي يېزا-ئىگىلىكى سانلىق مەلۇماتىغا نىسبەتەن يىتەكلەش رولىنى ئوينايدىكەن.

ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىىتنىڭ يىغىن مۇھىم مەزمۇنىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا يولغا قويغان تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشى بازارنىڭ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىغا بولغان ئىنكاسى ھەمدە مالىيە سىياسىتى مۆلچەرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىغا قۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۆپلىگەن سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەر دوللارنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئۆسىشى پۇل پاخاللىقىغا زەربە بېرىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.