ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى يىغىنى بىزگە زادى نېمىلەرنى بىلدۈرىدۇ؟

gulbostan 2016-12-08 11:19:07

\


ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى (ECB) نىڭ يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇل سىياسىتى يىغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ياۋرو پېرېۋوت نىسبىتى قىممىتىنىڭ كۈچلىنىش ۋەزىيىتى نامايەن بولدى ، پەيشەنبە ( 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ) يىغىندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 2015- يىلى دېكابىردىكى يىغىنىغا ئوخشاش بازارنىڭ ھەيران قالدۇرۇپ، 400 نۇقتا ئۆرلەپ كەتكەندەك بازارنى ھەيران قالدۇرۋېتەمدۇ يوق؟ بۇلتۇر بۇ ۋاقىتتا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى 10 نۇقتا بويىچە چۈشۈپ، %0.3 - بولغانلىقىنى ھەمدە QE نى يولغا قويۇش ۋاقىتىنى ئۇزارتىپ، زايوم سېتىۋېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. شۇنداقتىمۇ، ياۋرو شۇ كۈنى ئۆرلەپ، بىر مەھەل 400 نۇقتا ئەتراپىغا يەتكەن. بۇ نىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب شۇكى، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەدبىرى يەنىلا بازاردىكى زاتلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولۇپ، سېتىۋالىدىغان مۈلۈكنىڭ سانىنى كۆپەيتەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش دائىرىسى بازارنىڭ مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولغان.

12 ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بازار ھازىر ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى مۈلۈك سېتىۋېلىش كۆلىمىنى ئازايتىش ياكى ئەمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ .
ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى (Renzi Matteo) يەكشەنبە كۈنى ئىتالىيە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياۋرو سودىگەرلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئەڭ چوڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئىتالىيە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋرو جاۋابەن چۈشۈپ كەتتى، لېكىن دۈشەنبە كۈنى كۈچلۈك ئاشتى ئاندىن كېيىن , ياۋرو \ دوللار ئۈچ ھەپتە يۇقىرى نۇقتىن ئازراق تۆۋەن بولۇش سەۋىيەسىنى ساقلىدى، مەبلەغ سالغۇچىلار ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ سىياسى يىغىنىنى كۈتۈپ تۇرى .
چارشەنبە كۈنى نيۇ - يورك بازىرىدا ياۋرو / دوللار باھاسى ٪ 0.37 ئېشىپ، 1.0756 بولغان ، دۈشەنبە كۈنى 1.0796 بولۇپ ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 0.0796غا يەتكەن.
لېكىن , نۇرغۇن تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ھەر قانداق قىسقارتىش ھەرىكىتىدە بولغان تەقدىردىمۇ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولىشى مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى بۇ رايونىدا پۇل پاخاللىقىنى يەنىلا تۆۋەن .
بۇ يىل كۆپ قېتىملىق يىغىنىدا ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى دېلاكى ( Mario Draghi ) ئىزچىل تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادى ئەۋرىشىم، بۇ ئىقتىسادىي دوكىلاتلار ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنچە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى .
ھازىر پۇل پاخاللىقى يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ ھەم خەۋپ – خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمايدۇ . بۇنىڭدىن سىرت , مەركىزىي بانكىسى دۇچ كەلگەن ھازىر تەمىنلەشكە بولىدىغان زايوم ئىنتايىن ياخشى، شۇڭا مەزكۇر بانكا مۈلۈك سېتىۋېلىش پىلانىدىن تەدرىجىي چېكىنپ چىقىشنى ئويلىشىشى كېرەك .

شۇنىڭ ئۈچۈن ، پەيشەنبە كۈنى يىغىن ئەڭ چوڭ مەسىلە ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى زايوم سېتىۋېلىش ئازايتىشقا بولغان پوزىتسىيىسى زادى قانداق، تەدرىجىي چېكىندۈرۈپ چىقىش ئارزۇسىنىڭ بارمۇ-يوق دېگەنلەر ئىكەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.