لوندوندا ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى

zumrat 2016-11-22 15:25:51

\

ئەنگلىيە ھەشەمەتلىك يەر مۈلۈك سودىگىرى Savills نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، لوندوننىڭ ئۆي باھاسى 2009-يىلىدىن باشلاپ %85 ئاشقان، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ياشلارنى ئۆيلىرىدىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.

بۇنىڭ ئالدىدا كۆپلىگەن دوكلاتلاردا لوندوندا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ياشلارنى ئۆيلىرىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە Savills نىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 30 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ لوندوندىن ئايرىلىش نىسبىتى ئېشىپ، زور كۆچۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

2015-يىلى، 30 ياش ھەمدە 30 ياشتىن يۇقىرىلار ئىچىدە لوندوندىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 66 مىڭ بولۇپ، 2009-يىلى 51 مىڭ بولغان. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، لوندوندىكى 35 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغانلارنىڭ لوندوندىن ئايرىلىش نىسبىتى %18 ئاشقان.

Savills نىڭ بىلدۈرۈشىچە، « لوندوننىڭ ئۆي-مۈلۈك بايلىقى باشقا جايغا كۆچكەن.»

ئەنگلىيە ئىستىلىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى سېنتەبىرگىچە، ئەنگىلىيىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆي باھاسى 218 مىڭ فوندستېرلىڭ بولۇپ، ئىقتىسادىي كىرزىستىن كىيىن تەدرىجىي ئۆرلىگەن.

Savills نىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە، لوندوننىڭ ئۆي باھاسى %11 ئۆرلەيدىكەن. لوندوننىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان ھالەتتە بولۇپ، بۇ تەمىنلەشتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن ئېھتىياجنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.