زادى كىم كىلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكىنىڭ يىڭى زۇڭتۇڭى بۇلالايدۇ

zumrat 2016-11-09 13:19:43

\

ھازىر ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى ( <Hillary Clinton ) بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپ ( Donald Trump ) نىڭ بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە كۈنى ( 10 - نويابىر ) چۈشتىن بۇرۇنقى كەسكىن تالاش تارتىشىدىن كىيىن، ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ھىلارى سەل ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن.
توئۇنسېند رېيتېر / ئومۇمىي سايلام ئېلان قىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە مەملىكەت بويىچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ھىلارىنىڭ قوللاش نىسبىتى % 44 ، تىرامپنىڭ قوللاش نىسبىتى 39% بولۇپ، ھىلارى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، رېيتېر / ئومۇمىي سايلام States of the Nation ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ھىلارىنىڭ تىرامپنى مەغلۇپ قىلىش نىسبىتى 90 پىرسەنتكە يەتكەن.
چارشەنبە كۈنى 9:50 كىچە ئامېرىكىدىكى 50 شتاتنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىدە بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشتى، ئوخېئو , فلورىدا , شىمالىي كارولىنا شتاتى , يېڭى خامپشىر ۋە ۋىرگىنىيە شتاتلىرىدا ۋەزىيەت ئېنىق ئەمەس. بۇ ئورۇنلارنىڭ كىمنىڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلالىشىدا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم. دەسلەپكى تاللاشتا ئىككىلا نامزات ئوڭۇشلۇق ئۇتتى، تىرامپ ئۆسۈم قوشقۇچىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمىدىكى بىر نەچچە رايونلاردا بېلەت سانى يوقىرى بولدى، ھىلارىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى بەزى شىتاتلاردا ۋە ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى ئىللىنوئىس قاتارلىق رايونلاردا بېلەت سانى يوقىرى بولدى. بۇ نەتىجە بۇرۇنلا پەرەز قىلىنىپ بولغان، شۇڭا بۇ قېتىمقى مەملىكەت خاراكتېرلىك "ئېلىشىش" داۋامىدا رولى ئالاھىدە مۇھىم ئەمەس.
تىرامپ سەيشەنبە كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بېلەت تاشلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خەۋەر كۆرگەنلىكىنى، سايلام نەتىجىسىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى قايتا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يىل سايلامدا ئەڭ باش قېتىنچىلىق پەيدا قىلىدىغان 10 ئىشتات ئايرىم - ئايرىم ھالدا كولورادو ( 9بېلەت ) ، فلورىدا شتاتىدىكى ( 29بېلەت ) ، لوۋا شىتاتىدىن ( 6 بېلەت) ، نېۋادا شىتاتى ( 6 بېلەت) ، يېڭى خامپىشىر شىتاتى ( 4بېلەت ) ، شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى ( 15بېلەت ) ، ئوخايو شىتاتى ( 18بېلەت ) ، پېنسىلۋانىيە شتاتى ( 20 بېلەت ) ۋە ۋىرگىنىيە ( 13بېلەت ) . بۇلار ئىچىدە , فلورىدا شىتاتى , پېنسىلۋانىيە شىتاتى, ئوخايو شىتاتى قاتارلىق ئۈچ شتات تىرامپنىڭ غەلىبە قىلىش قىلماسلىقىنى بەلگىلىيەلەيدىغان ناھايىتى ئاچقۇچلۇق رايونلار.
ئامېرىكا « سايلىغۇچىلار كوللېكتىپى » ۋاسىتىلىك سايلام تۈزۈمى بويىچە، جەمئىي 538 بېلەت تاشلىنىپ بولدى. ئاخىرى سايلىنىپ چىقىدىغان زۇڭتۇڭ 100 مىليوندىن كۆپرەك ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىۋاستە بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلمەستىن، بەلكى ھەر قايسى شىتاتلاردىكى سايلام ۋەكىللىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق تاللاپ چىقىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاز دېگەندە 270 بېلەتكە ئېرىشكەن نامزات ئۇتۇپ چىققان بولىدۇ. سايلام جەريانىدا، باشقا ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، ھىلارى يەنە بىر شتاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسىلا 270 بېلەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇتۇپ چىقىدۇ. تىرامپ يەنە 6 شتاتنىڭ بېلىتىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: تىرامپ ئارىدىن بىر شتاتنىڭ بېلىتىدىن ئايرىلىپ قالسىلا، 270 بېلەتكە يەنە قانچىلىك كەملەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.