ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12 - ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى % 80 كە يېقىنلاشت

zumrat 2016-11-03 18:05:33

\

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى چارشەنبە كۈنى (11- ئاينىڭ 2-كۈنى) ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى قارار قىلىپ، بازارنىڭ مۆلچەرىگە ماسلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 12 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىدىن بېشارەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىقتىساد ھەرىكەت ئېنېرگىيسى كۈچىيىش بىلەن بىللە پۇل پاخاللىقى ئۆرلىدى. زاكاز مال بازىرى سودا خادىملىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12 - ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇشقا بولغان مۆلچەرى ٪ 80 گە يېقىن ئۆرلىدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىندىن كېيىن سىياسەت دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى، كومىتېت ئەزالىرى داۋاملىق ئۆسۈم قوشۇشنى قوللىدى ، لېكىن ۋاقىتلىق ئۆسۈم قوشماي، بىر قىسىم ئىقتىسادنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئىككى نەپەر تەدبىرچى ئۆسۈم قوشۇشنى قوللىغان، لېكىن ئادەم سانى ئالدىنقى قىتىمقىدىن ئازلىغان، بوستون فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى لوسىنلولۈن قايتا قارشى بېلەت تاشلىمىدى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى بۇنىڭدىن بۇرۇن مۆلچەرلىشىچە 2016 ـ يىلى 4 قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن، لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، پۇل پاخاللىقى ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھالاكەتكە قاراپ مېڭىشى، ئۆسۈم قوشۇشنى كېچىكتۈردى.
تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ 2% ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك مال ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە ، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12 - ئايلىق ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكى سەيشەنبە كۈنىدىكى % 68 تىن % 78 كە يەتكەن. بۈگۈن، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ دىققىتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكىنىڭ 10 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يۆتكەلدى. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بازار ئامېرىكىنىڭ 10 - ئايلىق يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش نوپۇسىنىڭ 175 مىڭ ئادەم كۆپىيىدىغانلىقىنى، 9 - ئايدىكى 156 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.