بازار يۆنىلىشى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرمەكتە ، مەبلەغ سالغۇچىلار قانداق پوزىتسىيەدە بۇلىۋاتىدۇ؟

zumrat 2016-10-24 17:15:31

\

بارغانسېرى كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر مەركىزىي بانكىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچى يوق دەپ قاراپ، سودا مىنىستىرلىقىغا ھۆكۈمەتنىڭ مالىيىسىدىن خىراجەت سوراپ ئىلتىماس سۇندى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى، ئەمدى مەركىزىي بانكىنىڭ سىياسىتىگە تايىنىۋىلىشقا بولمايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش بەلكىم نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي دەۋرىيلىكنى ئاخىرلاشتۇرالىشى، ھەمدە پۇل مۇئامىلە بازارلىرىدا جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىشى مۇمكىن. كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى قەرز كېڭەيتىش چىقىمىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ياۋرۇپا دۆلەتلىرى قەرز كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل مالىيە قىسىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. ئۇلار ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى مەركىزىي بانكىسىغا قالدۇردى، لېكىن مەركىزىي بانكىنىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى ئائىلە ۋە كارخانا چىقىمىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھەددىدىن زىيادە كەڭرى پۇل سىياسىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش زايومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۈلۈكنىڭ باھاسى بازارنىڭ تەۋرىنىش خاراكتېرىنى كۈچەيتىۋەتتى. ئاندا-ساندا « داۋالغۇش »تىن باشقا ، پاي چېكى ۋە ھۆكۈمەت زايومى تەكشى ئۆرلىشى مۇمكىن.
لېكىن، كۆپلىگەن دەلىل - ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزى بانكىسىنىڭ سىياسىتىنى تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالماي، ئائىلە ۋە كارخانىدا زور چىقىم دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى، كەڭتاشا سىياسەت خېلىلا ئاجىز بولغان سودا بانكىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ چىقىم كېڭەيتىش « ھىيلە - مىكىر » ئويۇنىنى ئوينىدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئەگەر ئىشقا ئېشىپ قالسا، خۇددى مەركىزىي بانكىسىغا ئوخشاش پاي چېكى بازىرى ۋە زايوم بازىرىدىن خۇش خەۋەر كەلمەسلىكى مۇمكىن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.