پاكىستاندىكى پارتلاشتا 70دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

gulbostan 2016-08-09 13:27:29

\

تۆنۈگۈن پاكىستاندىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش شەكىلدىكى پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 70دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلىپ، 100دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. بۇ قېتىملىق پارتىلىتىش بىر تۈركۈم تەزىيە بىلدۈرگۈچىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئارقىدىنلا ئىسلام دۆلىتى (IS) بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پارتلاشتا يارىلانغان Faridullah ئىسىملىك بىر يارىدارنىڭ دېيىشىچە، بىر داڭلىق ئادۇۋكات پاكىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ ئادۇۋكات ۋە مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغا بىر تۈركۈم كىشلەر توپى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمى ئالدىدا تەزىيە بىلدۈرۋاتقاندا، بومبا ئېلىپ يۈرگەن بىر تېرورچى مۇشۇ يەردىلا ئۆزى بىلەن قوشۇپ پارتلىتىش ئېلىپ باردى. پارتلاش يۈز بەرگەن ئورۇن دۆلەت گازارما دوختۇرخانىسى (Civil Hospital ) بولۇپ، Faridullah نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىملىق پارتلىتىشتا جەمئىي 70دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلىپ، 1123دىن ئارتۇق ئادەم يارىلىنىپتۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.