بۈگۈن كەچتىكى يېلىننىڭ مۇھىم سۆزى

gulbostan 2016-06-21 18:41:26

\

بۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە ئامېرىكا فېدىراتسىيە كومىتىتىنىڭ رەئىسى يېلېن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پۇل مۇئامىلە كومىتىتىنىڭ يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئىلگىرىكى تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن ئاساستا تاراتقۇ ۋەكىللىرىگە تارقىتىپ بېرىلىدىغان ئاخبارات ئورگىنالى تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت بۇرۇن تارقىتىلىشى مۇمكىن ،يەنى بېيجىڭ ۋاقتى 20:30مىنۇت ئۆتكەندە تارقىتىلىدۇ. قىممەتلىك مېتاللار ساھەسىدە سائەت 8:00دىن 10:00غىچە شىددەتلىك تەۋرىنىش كۆرۈلىشى مۇمكىن. مۇشۇ بىر كۈن ئىچىدىكى قىسقا مەزگىللىك سودا قىلغۇچىلار تەۋرىنىش مۇقىملاشقاندىن كېيىن توغرا يۆنىلىشنى تاللاپ بازارغا كىرسە بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.