گوللاندىيەدە شوپۇرسىز ئاپتوبۇس يولغا چىقتى

guzalnur 2016-02-06 10:44:48

\

ئالدىنقى ھەپتە، 6 نەپەر يولۇچى بىر ئالاھىدە سەپەرنى بېشىدىن كەچۈردى: ئۇلار بىر شوپۇرسىز ئاپتوبۇستا ئولتۇرغان بولۇپ، بۇ گوللاندىيەدە شوپۇرسىز ئاپتوبۇسنىڭ تۇنجى قېتىم يول سىنىقىغا قاتناشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

WePod ناملىق مەزكۇر شوپۇرسىز ئاپتوبۇسنىڭ لايىھەلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 40 كىلومېتىر. لېكىن، بىر قېتىملىق قىسقا مۇساپىلىك سىناقتا، ئاپتوبۇس 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاشيولدا سائىتىگە 8 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە يول يۈرگەن. ئەگەر تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلسە، سائەتلىك سۈرئىتى 25 كىلومېتىر بولىدىكەن.

بۇ ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىگە لازېر نۇر ئۈسكۈنىسى، رادار ۋە كۆپلىگەن كامېرالار ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىلغا سەپلەنگەن كومپيۇتېر ئارقىلىق تورمۇزلاش، يۆنىلىش ئۆزگەرتىش، جىددىي ئەھۋالدا ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇچۇرلار بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

گوللاندىيە ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى Schultz van Haegen مۇخبىرغا مۇنداق دېدى، «بۇ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، بۇ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ سودىدا ئىشلىتىلىش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەجرىبىخانا مۇھىتى بىلەن رېئاللىقنىڭ پەرقى بىر قەدەر چوڭ، ئەمەلىي ئىشلىتىپ باققاندىلا ئاندىن بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىك قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.»

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.