كانادادا رىئاللىقتىكى «مۇز سېھرى» قەلئەسى قۇرۇلدى

guzalnur 2016-02-05 10:26:44

\

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا كانادا ئالبېرتا ۋىلايىتى ۋىليام خولىلارك باغچىسى خۇددى دىسنېي كىنوسى «مۇز سېھرى» دىكى ئوردىغا ئوخشاش مۇز قەلئەسىنى قۇرغان. قەلئەدىدىكى بارلىق ئەسلىھەلەر قار-مۇزدىن ياسالغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىكەن.

بۇ قەلئەنى سېلىشقا ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت مەسئۇل بولغان، قەلئە ئىچىدە تۇنېل، قار تېيىلىش يولى، سۈنئىي مۇز تۈۋرۈك، يەنە مۇز تەخت بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى «مۇز سېھرى» دىكى ئېلسانىڭ ئوردىسىغا ئوخشايدىكەن.

قەلئەگە رەڭلىك چىراغ ئورنىتىلغان بولۇپ، رەڭگارەڭ نۇر ياندۇرىدىكەن، كەچتە تېخىمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىكەن. بۇ قەلئەدىكى قار-مۇزنىڭ ئېغىرلىقى 27 مىڭ توننا، ئىگەللىگەن يەر مەيدانى 4046 كۋادرات مېتىر ئىكەن.

\

\

\

\
\

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.