يېڭى زىلاندىيەنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش خەۋىرى تارقالدى

parida 2019-04-18 16:17:22

\

يېقىنقى مەزگىلدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېڭى زىلاندىيەنىڭ دۆلەت سىتاسىستىكا ئىدارىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ 1-پەسىللىك CPI ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى %0.1 ئاشقان بولۇپ، بازارنىڭ مۆلچەر قىممىتى %0.3 ئېشىش بولغان. يېڭى زېلاندىيەنىڭ 1-پەسىللىك CPI يىللىق نىسبىتى %1.5 يۇقىرىلىغان بولۇپ، بازارنىڭ مۆلچەرى%1.7 ئېشىش بولغان.

سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولۇشى يېڭى زېلاندىيە دوللىرى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى يۈز نۇقتىدىن كۆپرەك تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 0.6666 نۇقتىغا چۈشكەن.ASB Bank مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى Nick Tuffley مۇنداق دەپ قارىغان: يېڭى زېلاندىيە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 5-ئاي ۋە 8-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 نۇقتا تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدۇق، ئەمما يېڭى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى، يېڭى زېلاندىيە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مۆلچەرىمىزنى كۈچەيتتى.

FXStreet مەركىزىنىڭ ئانالىزچىسى Anil Panchalچارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى زېلاندىيە دوللىرى\ئامېرىكا دوللىرى داۋاملىق تۆۋەنلەپ 0.6700 نۇقتىغا چۈشۈشى، 0.6650 نۇقتا ئەتراپىدا تىرەش كۈچىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر پېرۋوت باھاسى بۇ سەۋىيىدىن چۈشۈپ كەتسە داۋاملىق تۆۋەنلەپ 0.6585 نۇقتىغا چۈشۈشى مۇمكىن.

يېڭى زېلاندىيە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Adrian Orr سەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى نۆۋەتتىكى كەڭرى پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق ساقلايدۇ، بۇرۇنقىدەكلا سانلىق مەلۇمات ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ئەھۋالىغا ئاساسەن، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى كېيىنكى قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى بەلگىلەيدۇ.

Westpac غەربىي تىنچ ئوكيان بانكىسىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئىقتىسادشۇناسى Dominick Stephens مۇنداق دەپ قارىغان: يېڭى زېلاندىيە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 5-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى %1.5 تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. بىز يېڭى زېلاندىيە ئىقتىسادىنىڭ 2020-يىلنىڭ دەسلىپىدە ئاستىلايدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىدۇق.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.