ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز تەۋەلىكىدە 300 يىل بۇرۇنقى خەزىنە بايقالدى

parida 2018-06-13 16:01:40

\

شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي جەنۇب قىسىمىغا جايلاشقان كافور رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە، غەۋۋاسلار 330 يىل بۇرۇن چۆكۈپ كەتكەن بىر سودا كېمىسىنىڭ قالدۇقىنى بايقىدى؛ ئېگىلىنىشىچە، بۇ كېمە 1684-يىلى 2-ئايدا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىچىگە ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلگەن ئالماس ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت بېسىلغان ئىكەن؛

\

شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، فرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ شەھەر مەركىزىدە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى؛ ساقچى تەرەپ تېزلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ، تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى قولغا ئالدى، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار ساق-سالامەت قۇتقۇزۋېلىندى؛

\

شىنخۇا ئاگېنتلىقى: دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدىكەن؛ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىلەر ۋە رايونلار ئارا مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن؛

\

ئېران نېفىت مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېران ئامېرىكىنىڭ جازا يۈرگۈزۈشى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەپ قارايدىكەن؛

\

سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە زۇڭتۇڭى مون جائىن پەيشەنبە كۈنى، سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-چاۋشيەن باشلىقلار سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى يىغىنى ئاچىدىكەن؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.