ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چاۋشىيەننى زىيارەت قىلدى

rabigul 2018-04-19 17:25:29

\

تۈنۈگۈن كەچتە بازارنىڭ خەۋپىتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ياخشىلىنىپ، كۈمۈش باھاسى %2.5 ئۆستى.
بۈگۈنكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكا تەرەپ دىققەت قىلىۋاتقىنى بولسا دەسلەپكى ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ۋە 4-ئايلىق فىلادېلفىيە بىرلەشمە ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچى، ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى كۇئارىس ۋە براينېرد يەنە كەچتە سۆز قىلىدۇ.
چارشەنبەكۈنى يەرلىك سىياسەت خەۋپ-خەتىرى پەسەيدى، ئاساسلىقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ جوڭگۇ-ئامېرىكا سودىسى، ئامېرىكا -چاۋشىيەن ئۇچرىشىشى، روسيەنى جازالاش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە مۇھىم قارار چىقاردى.
جوڭگۇ-ئامېرىكا سودىسى تەرەپتە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىر پارچە دوكلات ئىلان قىلغان بولۇپ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا، جۇڭگو بىلەن تاموژنا بىجى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئويى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا -چاۋشىيەن ئۇچرىشىشى تەرەپتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ تىۋىتتىردا ئاشكارىلاپ، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالدىنقى ھەپتە « مەخپى» ھالدا چاۋشىيەننى زىيارەت قىلغان، ھەمدە چاۋشىيەن رەھبىرى كىم جۇڭئىن بىلەن كۆرۈشكەن، بۇقىتىملىق سۆھبەت ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان بولۇپ، تىرامىپ ۋە كىم جۇڭئىننىڭ ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنى بېكىتىپ بولغان.
روسىيىگە قارىتا، CNN نىڭ پەيشەنبە ئەتىگەنكى خەۋىرىگە ئاساسەن، تىرامىپ ھۆكۈمىتى رۇسيە ئەلچىسىگە ئەمدى يىڭى جازالاش تەدبىرى يولغا قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.