خەلقئارالىق مۇھىم ئۇچۇرلار

parida 2018-04-18 15:53:42

\

ياۋرۇپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى: فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلىكتە سۇرىيەگە زەربە بېرىشى جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپانىڭ قىممەتلىك مېتاللاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۇزۇن مەزگىللىك كەچۈرۈم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ياۋرۇپا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كرىزستىن ئىلگىرىكى سەۋىيىگە قايتتى؛

ياۋرۇپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى: ئەنگىلىيە ياۋرۇپادىن چېكىنىش مەزگىلىدە ئېرىلاندىيە چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك؛ ياۋرۇپادىن چېكىنىش سۆھبىتىدە «ئاكتىپ ھەرىكەت ئىنېرگىيىسى» گە ئېرىشتۇق؛ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن ئوچۇق سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛

يەرشارى تورى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، دانىيە كوپىنھاگېندىكى «خانىش لويىس» كۆۋرۈكى ئاستىدىكى كۆل ئەخلەتلەر بىلەن توشۇپ كەتتى، ئاققۇلار ئەخلەتتىن ئۇۋا ياسىدى؛

يەرشارى تورى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ھىندىستاننىڭ ئامرىتسار رايونىدا ئامما نامايىش كۆتۈرۈپ، ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا ئېتىراز بىلدۈردى؛

يەرشارى تورى خەۋىرى: 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، بىر تۈركۈم غەۋۋاسلار شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سۇپېرىئور كۆلىدە، چۆكۈپ كەتكىنىگە يۈز يىلدىن ئاشقان بىر كېمە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ھەمدە كېمىنىڭ ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىماي ئىنتايىن مۇكەممەل ساقلانغانلىقىنى بايقىدى؛

يەرشارى تورى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى چوڭ بۇشنىڭ ئايالى، ئامېرىكىنىڭ سابىق 1-خانىمى باربارا بۇش شۇ جاي ۋاقتى 17-ئاپرىل 92 يېشىدا ۋاپات بولدى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.