ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پات ئارىدا تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن

parida 2018-01-22 17:13:36

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبەرلىرى (1-ئاينىڭ21-كۈنى) كەچتە كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلەردە بىرلىككە كېلەلمىدى، پارلامېنت ئەزالىرى قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىش ۋەزىيىتى 3-كۈنىگە قەدەم قويدى. سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېڭەش پالاتاسى شۇ جاي ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى چۈشتە (بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 00:00 ئەتراپىدا) ھۆكۈمەتنىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئايلىنىشىغا پۇل ئاجرىتىش لايىھەسىگە بېلەت تاشلايدىكەن.
بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىش خەۋپ-خەتىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، تىرامپ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئىپادىسى كەسكىن بولغان. تىرامپنىڭ باياناتچىسى دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەرنى «تەرتىپكە توسقۇنلۇق قىلغان مەغلۇبىيەتچىلەر» دەپ ئاتىغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىش خەۋپ-خەتىرى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىرامپمۇ يەكشەنبە كۈنى تىۋىتېردا مۇنداق دېگەن: ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىش ۋەزىيىتى داۋاملاشسا، كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى «يادرولۇق تۈر»نى يولغا قويىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى ئاددى كۆپ سانلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئۇزۇن مەزگىللىك خامچوت لايىھەسىگە بېلەت تاشلايدۇ، ھۆكۈمەت بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتلىق چىقىم لايىھەسى تۈزۈشتىن ساقلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.