خەلقئارالىق مۇھىم ئۇچۇرلار

parida 2018-01-18 16:50:52

\

دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسى: كاپىتالنىڭ شەكىللىنىشى2017-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %32.1 بولدى؛ جۇڭگو 2018-يىلى دۆلەت مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنى تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛
ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ئىتتىپاق پارتىيىسى (خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى ۋە خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى )نى قوللاش نىسبىتى %34 بولغان؛ گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قوللاش نىسبىتى %18 بولغان؛
ئېراق نېفىت مىنىستېرلىقى: ئېراق ۋە ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىمالىي قىسىمدىكى كىركۇك نېفىتلىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛
دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسى: مۇلازىمەت كەسپى نىسبەتەن تېز تەرەققىي قىلدى، سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى يەنىمۇ كېڭىيىپ، سودا قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇلدى؛
دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسى: مەبلەغ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، تاۋار ئۆي سېتىش كۆلىمى داۋاملىق كىچىكلىدى؛ بازار سېتىش نىسبىتى تەكشى ۋە تېز ئېشىپ، ئىستىمال سەۋىيىسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.