خەلقئارالىق مۇھىم ئۇچۇرلار

parida 2017-11-21 16:37:41

\

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى كېلەر قېتىملىق ئىقتىساد ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلاتىدا، ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ۋە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ‍(GDP) نىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن؛
دۇنيا ئاق ئالتۇن مەبلەغ كومىتېتى: كېلەر يىلى ئاق ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج بۇ يىلقى 150 مىڭ ئۇنسىيەدىن 275 مىڭ ئۇنسىيەگە چىقىشى مۇمكىن؛
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو: يۈرەكلىك ھالدا سىياسەت چىقىرىپ، مەبلەغ سېلىشنى قوللايمىز؛
رۇسيە زۇڭتۇڭى پۇتىن: قاتار ئەمىرى تامىم، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە يەرلىك رەھبەرلەر بىلەن سۇرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىمىز؛
كانادا خان جەمەتى بانكىسى: ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى 2019-يىلنىڭ 1- ۋە 2-پەسلىدە بىر قېتىمدىن ئۆسۈم قوشۇشى، ئۆلچەملىك نەق پۇل ئۆسۈم نىسبىتى 2019-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە %2 گە يېتىشى مۇمكىن؛
سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە زۇڭتۇڭى ئاساد دۈشەنبە كۈنى رۇسيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رۇسيەنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى ھەركىتى ئارقىلىق سۇرىيە سىياسىي كېلىشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.