خەلقئارالىق قىسقا ئۇچۇرلار

parida 2017-11-16 16:08:47

\

ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى: ئەنگىلىيە ئىقتىسادى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، ئىقتىساد ئەھۋالى ياۋرۇپادىن چېكىنىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيىگە يەتمەيدۇ؛
ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى: ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشتە قانداق شەكىلدىكى كېلىشىم ئىمزالاشتىن قەتئىينەزەر، ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسى ھەرۋاقىت ئىقتىسادنى قوللايدۇ؛
جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى: جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى بۇندىن كېيىن پۇل سىياسىتى ۋە ماكرولۇق ئىقتىساد ئېھتىيات سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسى خەۋپ-خەتەر تۆۋەن چېكىنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛
ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باشلىقى: جەزمەن چاۋشيەن مەسىلىسى ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك، ئەمما ھەربىي كۈچكە تايىنىش زۆرۈر؛
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشنى، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز؛
سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىر نەپەر كېڭەش ئەزاسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پارتىيىسىنىڭ قولىدا ئامېرىكا باج ئىسلاھاتى لايىھەسىنى قوللاشقا يىتەرلىك بېلەت بار ئىكەن؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.