بۈگۈنكى خەلقئارالىق مۇھىم ئۇچۇرلار

parida 2017-09-22 15:35:43

\

سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا مېي لوندون ۋاقتى سائەت 14:00 تە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش نۇتۇقى سۆزلەيدۇ؛
جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستېرلىقى چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسى سىنىقى تەھدىتىگە قارىتا، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە ئېغۋاگەرچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىشقا مۇراجىئەت قىلدى؛
ئەنگىلىيە قاتناش ۋەزىرى: ئەنگىلىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيەدىن سىرتقى ھەرقانداق بىر سوت ئەنگىلىيەنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا قارار چىقىرالمايدۇ؛
فرانسىيە دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسى: فرانسىيەنىڭ 2-پەسىللىك GDP يىللىق نىسبىتى ئاخىرقى قىممىتى ئۇدا ئۈچ پەسىل ئاشقان، ئىستىمالچىلار چىقىمى دۆلەت ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن؛ تاشقى سودا ئىقتىساد بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىگەن؛ نۆۋەتتە فرانسىيەنىڭ 2017-يىللىق GDP ئېشىش سۈرئىتى %1.6، يەنى 2011-يىلىدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى؛
فرانسىيە تەرەققىيات بانكىسى: كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ياكى بىر قانچە ئايدا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتى ۋە برېنت خام نېفىتىنىڭ باھا پەرقى تەدرىجىي كىچىكلىشى مۇمكىن؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.