چاۋشيەن ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى

parida 2017-09-15 15:08:01

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا جەمئىيەت چاۋشيەن ۋەزيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پەيتتە، چاۋشيەن يەنە «ئىش تېرىدى»، چاۋشيەن جۈمە كۈنى ئەتىگەندە يەنە ياپونىيە ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ تىنچ ئوكيان دېڭىز رايونىغا چۈشىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ ئەمەلدارى بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى بىلەن ئوخشاش دېدى. چاۋشيەننىڭ يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى، يىن، شۋىتسارىيە فرانكى ۋە ئالتۇن قاتارلىق خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئۆستى. پۇل-مۇئامىلە بازىرى جۈمە كۈنى كەچتە يەنە «ۋەھىمىلىك سانلىق مەلۇمات» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇمۇ پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ.

\

كورىيە ھەربىي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋشيەن جۈمە كۈنى (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئەتىگەندە پايتەختى پيوڭياڭدا شەرققە قارىتىپ تىپى ئېنىق بولمىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. كورىيە بىرلەشمە شىتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورىيە بىلەن ئامېرىكا تەرەپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى تەھلىل قىلىۋىتىپتۇ. چاۋشيەن دۆلەت ئاپپاراتلىرى پەيشەنبە كۈنى تەھدىت سېلىپ مۇنداق دېدى: يادرو قورالى ئارقىلىق ياپونىيەنى «چۆكتۈرۈۋېتىمىز» ھەمدە «ئامېرىكىلاشتۇرۇش»نى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇمىز، شۇنداقلا يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلىشىغا قارىتا جازا يۈرگۈزۈشىنى قوللىغانلىقىدىن ئۆچ ئالىمىز.
خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن يىن، شۋىتسارىيە فرانكى، ئالتۇن، ئامېرىكا زايومى قاتارلىق خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكىنىڭ كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلىدى، ئالتۇن باھاسى يەنە ئۆستى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.