قىسقا خەۋەرلەر

parida 2017-08-21 18:16:41

\

شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى رۇسيە بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللىرى ئۇكرائىنادا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ؛
جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئېلىپ بارماقچى بولغان 301 تەكشۈرۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز؛ جۇڭگو تەرەپ بارلىق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ؛ ئامېرىكا تەرەپنى كۆپ تەرەپلىك سودا بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشقا، ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ؛ ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە بىر يىللىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك؛ ئامېرىكىنىڭ 301 تەكشۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ كەسىپ ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ؛
خەلقئارا يېزىقلىق تېلگراف ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكا رۇسيەلىكلەرگە غەيرىي كۆچمەنلەر تۈرىدىكى ۋىزا تارقىتىشنى توختىتىدۇ؛
ئامېرىكىنىڭ رۇسيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى: رۇسيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە خادىملىرىنى قوغلاش قارارى - ئامېرىكىنىڭ رۇسيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى پوزىتسىيىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى؛
فرانسىيەنىڭ مارسېل شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىل سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئادەم قازا قىلدى، نۆۋەتتە ۋەقە سادىر قىلغۇچى شوپۇر قولغا ئېلىندى؛ ۋەقەنىڭ ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە بولغان تەسىرى چوڭ بولمىدى؛
ئېران نېفىت مىنىستىرلىقى: كېلەر يىلى 3-ئايدىن بۇرۇن 500 مىليارد دوللارلىق نېفىت توختىمى ئىمزالىنىشى مۆلچەرلەندى؛
قازاقىستان نېفىت مىنىستىرى: قازاقىستاننىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كۈنىگە بىر مىليۇن 645 مىڭ تۇڭغىچە بولۇپ، مەھسۇلات مىقىدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمىگە ئۇيغۇن بولدى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.