قىسقا خەۋەرلەر

parida 2017-08-17 16:57:53

\

كورىيە زۇڭتۇڭى: ئامېرىكا ۋە كورىيەنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانى پرىنسىپ جەھەتتىن بىردەك، ھەر ئىككىلىسى چاۋشيەننىڭ سۆھبەتلىشىشىگە قوشۇلىدۇ؛

كورىيە زۇڭتۇڭى: كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ سۆھبەتلىشىشى نۇرغۇن ۋاقىت ھەم تىرىشچانلىققا موھتاج؛

كورىيە زۇڭتۇڭى: تىرامپنىڭ چاۋشيەنگە بېسىم چۈشۈرۈشى ھەربىي ھەرىكەتنى مەقسەت قىلمىغان؛

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: كېيىنكى يېرىم يىلدا باھانىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى داۋاملىق تەڭپۇڭ ھالەتتە ئايلىنىدۇ؛ باھا ئىسلاھاتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ؛

كورىيە زۇڭتۇڭى: باج نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش باج كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل ئەمەس؛ باج قوشمايمۇ پاراۋنلىق سىياسىتىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ؛ ئەگەر كۆپچىلىك بايلىق تەقسىملەشنى ياخشىلاش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلسا، ئۇنداقتا باج قوشۇشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ؛ ئامما ئۈچۈن ئۆي-زېمىن باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر؛ ھۆكۈمەت ھازىرچە ئۆي-زېمىن ئېگىلىك بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلاشمايدۇ؛ ئەگەر ئۆي باھاسىنىڭ يەنە ئۆسۈش ئېھتىماللىقى كۆرۈلسە، ھۆكۈمەت ئۆي-زېمىن بازىرىغا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدۇ؛ كورىيە ۋە ياپونىيەنىڭ ئۆتمۈشى ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك؛

كورىيە زۇڭتۇڭى: ئامېرىكا-كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى بولسا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سودا كېلىشىمىدىن ئىبارەت؛

كورىيە زۇڭتۇڭى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى ھەرقانداق بىر ھەربىي ھەرىكەت جەزمەن كورىيە تەرىپىدىن قارار قىلىنىدۇ؛ ئەگەر ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا قارىتا قوللىنىدىغان ھەربىي ھەركىتى چاۋشيەن بىلەن كورىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزسە، ئۇنداقتا ئامېرىكا ئاۋۋال كورىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشى كېرەك؛

جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 دە، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ؛ ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت قىزىق نۇقتا ۋە مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىدۇ؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.