ئامېرىكا 7-ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقتى

parida 2017-08-16 13:34:11

\

FX168 مالىيە – ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا ۋاقتىنچە 1272 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. سەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 15-كۈنى) كەچتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىققاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاۋشيەن ۋەزىيىتى پەسەيگەچكە، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەتىرى چوڭ مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشىغا، پايچەك بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا ھەمدە ئامېرىكا دوللىرى ۋە دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ يۇقىرلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى %1 گە يېقىن تۆۋەنلىدى، ئۇدا ئىككى كۈن تۆۋەنلىدى، سودا داۋامىدا بىر ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن باھا 1267.35 دوللارغا چۈشتى.نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى چارشەنبە يەنى بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا 7-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىگە مەركەزلەشتى ھەمدە ئۇنىڭ ئىچىدىن كېيىنكى قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتىنىڭ يىپ ئۇچى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

ئامېرىكا تەرەپ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستىمالچىلارنىڭ ماشىنا سېتىۋىلىش مىقدارى ۋە زۆرۈر بولمىغان ئىستىمال چىقىمى ئاشقانلىقتىن، 7-ئايلىق ئامېرىكا پارچە سېتىش سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.6 ئۆرلىگەن، بۇلتۇر 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان باشقا سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نەتىجىسىمۇ مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولغان، ئامېرىكىنىڭ 6-ئايلىق كارخانا ئىسكىلات قالدۇقى ئالدىنقى ئايدىن %0.5 ئاشقان، 7 ئاي ئىچىدە ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتقان، ئەسلىدە %0.4 ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى؛ نيۇيورك فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ 8-ئايلىق ياسىمىچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى 25.2 گە يەتكەن، ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان، ئالدىنقى قىممىتى 9.8 بولغان.

فېدېراتسىيە فوند قەرەللىك مال سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە سودىگەرلەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ 12-ئايلىق يىغىندا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %48 دەپ مۆلچەرلىدى، ئامېرىكا 7-ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن «ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى»دە، 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %42 دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.