ياپونىيە جۇڭگودىن ئېشىپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەقدار دۆلىتىگە ئايلاندى

arzigul 2015-04-16 12:30:14
  • \

    بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان چەتئەل ئىلكىدىكى ئامېرىكا زايومى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە قايتىدىن جۇڭگودىن ئېشىپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەقدار دۆلىتىگە ئايلانغان.

    ھازىرقى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 1-ئايدا جۇڭگونىڭ ئىلكىدىكى ئامېرىكا زايومى ئۇدا 5 ئاي چۈشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە ئارانلا 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پەرق بىلەن قايتىدىن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەقدار دۆلىتىگە ئايلانغان.

    ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى بانكىسى ئۆسۈم قوشۇشنى باشلاش ئالدىدا، ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا زايومىغا بولغان ئېھتىياجىغا تايىنىش ئارقىلىق قەرز پۇل تەننەرخىنى چۈشۈرىدۇ. Morgan Stanley كۆرسەتكۈچىەە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى بانكىسى تەخمىنەن 7 يېرىم ئايدىن كېيىن ئۆسۈم قوشۇشنى باشلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مەقسەت قىلغان زايوم سېتىۋېلىش پىلانىنى ئۇدا 5 يىل يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى بانكىسى يەنە قولىدىكى ئامېرىكا زايومىنى كېمەيتىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن.

    1-ئايغىچە، جۇڭگودا بار بولغان ئامېرىكا زايومى 1 تىرىليون 239 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چۈشكەن بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئامېرىكا زايومى 1 تىرىليون 238 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. 2008-يىلى ياپونىيەدىكى ئامېرىكا زايومى كۆلىمى جۇڭگودىن ئېشىپ كەتكەن.


    سەمىمىي ئەسكەرتىش

    مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.