قىسقا خەۋەرلەر‌

parida 2017-08-01 18:44:29

\

خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ باھاسى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 50.43 دوللارغا چىقتى، كۈنلۈك ئۆسۈش نىسبىتى %0.50 گە يەتتى؛
قىرغاق خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 16:30 دە 6.7194 بولدى، ئالدىنقى بىر سودا كۈنىدىن 95 نۇقتا ئۆرلىدى؛
خۇيتۇڭ تورى: دوللار بىلەن شۋىتسارىيە فرانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بۈگۈنكى تۆۋەن نۇقتا 0.9638 غا چۈشتى؛
يېقىندا شۋىتسارىيە مەركىزىي بانكىسى «قاتتىق قول» پوزىتىسىيەسىنى بىلدۈردى، بازار مەزكۇر بانكىنىڭ كەڭرى پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى؛
ئېراق نېفىت مىنىستىرلىقى: ئېراقنىڭ 7-ئايلىق نېفىت ئېكسپورت مىقدارى كۈنىگە 3 مىليۇن 230 مىڭ تۇڭ بولدى؛ 7-ئايلىق خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارى بىر مىليارد 144 مىڭ تۇڭ بولدى؛
گرېتسىيە زۇڭلىسى: ئامېرىكا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە رۇسيەنى جازالاش مەيدانىدىن ۋاز كەچتى؛
فرانسىيە تەرەققىيات بانكىسى: ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى 2018-يىلى 2-ئايدىن 2018-يىلى 8-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى؛
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى: ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇستەقىللىقىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەممىدىن مۇھىم؛
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى: ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋرۇپا سوت مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.