كۈمۈش باھاسى چۈشكەندىن كىيىن ئۆرلىشى مومكىن ئىكەن

gulnur 2017-07-19 15:29:45

\


كۈمۈش باھاسى بۇ يىل ئالدىنقى تۆت ئايدا %17 ئۆرلىدى. ئارقىدىنلا يەنە چۈشۈپ كىتىپ، قايتىدىن ئۆرلىدى. كۈمۈش باھاسى گەرچە بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لىكىن ETF مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشنى يەنىلا جەلىپ قىلدى. مال ساقلاش مىقدارى 21.174 توننىغا يىتىپ ، قىممىتى 110 مىليون دوللارغا يەتكەن.

تەتقىقات شىركىتىنىڭ Metals Focus Ltd ئانالىزچىسى George Coles مۇنداق دىدى،«ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار كۈمۈش باھاسىغا نىسبەتەن قارمۇ قارشى يۆزلىنىشى بارلىققا كەلدى». ئۇ يەنە مۇنداق دىدى،« ئاكتىپ بولغان چوڭ تىپتىكى قوش فوند ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە ئاساسەن چۈشۈپ، COMEX مەزگىلىدە، كۈمۈش باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈردى». Coles مۇنداق دىدى، «ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، خەۋىپ - خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجىغا تەسىر قىلىپ ، كىچىك تىپتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە نىسبەتەن پايدىغا ئېرىشتى».

Colesلوندوندا تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : «بۇ بەلكىم چوڭ تىپتىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن كىچىك تىپتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا قىلغان جىڭى بۇلىشى مۇمكىن».

ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كۈمۈش باھاسى چۈشۈپ تۆۋەن سەۋيىنى ياراتقاندىن كىيىن ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.