كۈمۈشنىڭ باھاسى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن

zumrat 2017-05-16 16:25:28

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئاسىيا بازىرىدىكى خەلقئارا نەق كۈمۈش سودىسىدا سەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 16-كۈنى) كۈمۈشنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ 16.7 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. دۈشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئامېرىكىنىڭ سىاسىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولغانلىقى، چاۋشيەن سىناق تەرىقىسىدە يادرو بومبىسى قويۇپ بەرگەنلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋىپتىن ساقلىنىش مۈلكىگە بولغان ئېھتىياجىنى كۈچەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدا ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەش ئېھتىمالى بار بولغاچقا، كۈمۈشنىڭ باھاسى شۇ كۈنى بىراقلا %2 ئۆرلىدى ھەمدە ئەڭ يۇقىرى باھا 16.82 دوللار \ ئۇنسىيەگە چىقتى، ئەڭ ئاخىرىدا بىرقىسىم ئۆسۈش نىسبىتى ئازىيىپ 16.65 دوللار\ئۇنسىيە ئەتراپىدا توختىدى، ئاندىن كېيىن تۆتىنچى سودا كۈنىگىچە ئۇدا ئۆرلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.