كىيىنىكى بازاردا نەق مال كۈمۈش سودىسىنى قانداق قىلىمىز

rabigul 2017-04-26 17:45:13

\

يېقىنقى مەزگىلدە، كۈمۈشنىڭ باھاسى چۈشۈش ھالىتىگە كىردى ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۈمۈشنىڭ ئۆسۈش مېلى ئۈمىد قىلغان فرانسىيە سايلىمى ئاخىرىدا «قارا ئاققۇ» نى كۈتۈۋالدى، بۇ ئەھۋال مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى. دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى چوڭ دەرىجىدە چۈشۈپ، بىراقلا 18 دوللارنىڭ ئاستىدىكى باھالارغا چۈشۈپ كەتتى. فرانسىيە چوڭ سايلىمىدا تۇنجى قېتىملىق بېلەت تاشلاشنىڭ ئاخىرلىشىغا ئەگىشىپ، بازارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بۇ ھەپتىلىك مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارغا يۆتكىلىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو تەجرىبىسى، ئامېرىكىنىڭ باج-ھەق ئىسلاھاتى قاتارلىقلار. بۇ بەلكىم پۇل مۇئامىلە بازىرىدا زور دولقۇن كۆتۈرۈشى مۇمكىن. كۈمۈشمۇ يىڭى پۇرسەتلەرنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

بۇ ھەپتە تىرامىپقا نىسبەتەن ئىنتايىن ھالقىلىق بىر ھەپتە بۇلۇپ، باج ئىسلاھاتى پىلانى، داۋالاش ئىسلاھاتىغا بىلەت تاشلاش، ھۆكۈمەتنىڭ توختىتىشى، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرا تام قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بۇلىنىشىدا ئۈمىد بار. تىرامىپ ئالدىنقى ھەپتىدە مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈردى، مۇشۇ ھەپتە چارشەنبە (4-ئاينىڭ26-كۈنى) يىڭى باج ئىسلاھاتى پىلانىنى ئېلان قىلىنىدۇ، ھەمدە بۇ قېتىمقى باج ئىسلاھاتى پىلانى سالمىقى مىسلىسىز بۇلۇپ، بۇ پىلاندا كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ باج يۈكىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ، بۇ قېتىملىق باج كېمەيتىش ئۇنى « ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر قېتىملىقىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ ». دىدى. نۆۋەتتە ، بازار بۇ پىلاننىڭ مەزمۇنىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. گەرچە تىرامپ ئىلگىرى دوللارنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن باج ئىسلاھاتى ئېلان قىلىنسا، دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە چوقۇم پايدىلىق ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ چاغدا كۈمۈش باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى چوقۇم بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر بۇ قېتىملىق باج ئىسلاھاتىنى جاكارلىغاندا ئالدىنقى قېتىم داۋالاش ئىسلاھاتى قانۇن لايىھىسىگە ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلسە، ئامېرىكا پاي چىكى باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنداقتا كۈمۈشنىڭ باھا يۈزلىنىشى يەنە بىر قېتىم بىر قەدەر چوڭ پايدىنى كۈتۈۋالىدۇ.

كىيىنكى بازارغا نەزەر سالساق، مىيچاڭ ھالقا ئانالىزچىسى مۇنداق دىدى، فرانسىيە چوڭ سايلىمىدىكى تۇنجى قېتىملىق بىلەت تاشلىشىنىڭ ئاخىرلىشىغا ئەگىشىپ، بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى نىسبەتەن ئاز- تولا ئاجىزلىدى، تېخنىكا جەھەتتىن قارىغاندا، كۈمۈش باھاسىدىن يەنە بىر قەدەم چۈشۈش ئېھتىياجى بار،بىراق , ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى ياۋرۇ تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا لېپېنتىر يەنە غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ، لېكىن كۈمۈش يەنىلا خەتەردىن چىقىۋېلىشنى ئەڭ ياخشى تاللاش قىلىدۇ.



ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.