كۈمۈشنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشى تېزلا ئالتۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ

gulbostan 2017-04-24 11:12:27

ئوخشاش تۈردىكى قىممەتلىك مىتال مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈمۈشنى ئالتۇنغا سېلىشتۇرساق، ئىزچىل تېخىمۇ چوڭ بولغان تەۋرىنىشچانلىق بىلەن داڭلىق. ئۆتكەن ئىككى قېتىملىق قىممەتلىك مىتال ئىتىك بازىرىدا، بىر قېتىملىقى 1980-يىلى 1-ئاي، يەنە بىر قېتىملىقى 2011-يىلى 4-ئاي، كۈمۈش باھاسى ئايرىم-ئايرىم 50.36 ۋە 49.82 لىك نۇقتىغا يەتتى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ ئىككى قېتىملىق ئىتتىك بازاردا، كۈمۈشنىڭ ئىپادىسى ئالتۇندىن ئەۋزەل بولدى.

يېقىنقى مەزگىلدىكى سۈرىيە، ئاففانىستان ۋە چاۋشىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيىتى ئالتۇنغا پايدىلىق بولۇپ، كۈمۈش سودىسى كاساتچىلىققا ئۇچرىدى، ئالتۇن باھادىكى يۈزلىنىش ۋە باھا نۇقتىسىدىكى ئىپادىسىدە بىر قەدەر ئەۋزەللىككە ئىگە، شۇڭا بازار كۈمۈشنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىدىن گۇمانلىنىدۇ. بىراق 35 يىللىق مىقدارلاشقان تاۋار سودىسى تەجىربىسىگە ئىگە Andrew Hecht ماقالىسىدا بۇرۇلۇش پەيتى يېتىپ كەلدى، كۈمۈش تېزلا قايتىدىن بازاردىكى سەركىگە ئايلىنىدۇ، دېگەن.


\

قىسقا مەزگىلدە كۈمۈش يەنىلا ئالتۇننىڭ قوغلىغۇچىسى

كۈمۈش ۋە ئالتۇن دائىم نۆۋەتلىشىپ بازارنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. 2017-يىلىدىن بۈگۈنگىچە، ئىككىلىسىدە مەلۇم دەرىجىدىكى باھا ئۆسۈش پەيدا بولغان، ئىككىسىنىڭ مۇتلەق باھاسى پەرقى يىراق بولغانلىقتىن، قايسىسىنىڭ بازاردىكى سەركە ئىكەنلىكىنى ئايرىشتىكى ئەڭ ياخشى كۆرسەتكۈچ بولسا ئالتۇن-كۈمۈش باھاسىنىڭ نىسبىي ئۆزگىرىشى. ئۆتكەن 40 يىلدا، ئىككىسىنىڭ باھاسىدىكى ئوتتۇرچە نىسبەت 1:55 بولۇپ، ئىتتىك بازار پەيدا بولغاندا، كۈمۈش باھاسى تېزلىكتە ئۆسكەن. 1980-يىلىدىكى ئىتىك بازاردا ئالتۇن-كۈمۈش نىسبىتى 1:16 گە چۈشكەن، 2011-يىلىغا كەلگەندە يەنە 1:38 گە چۈشكەن.

يۇقىرىدىكى سۈرەتتىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يىل ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى قىممەتلىك مىتالنىڭ قىممىتى ئۆسۈش جەريانىدا، ئالتۇن-كۈمۈش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، بۇ كۈمۈشنىڭ بازار يۈشلىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ۋاقىت بۆلىكىدىن سىرت، ئالتۇن بازاردىكى سەركىگە ئايلانغان، 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتتىكى ئالتۇن-كۈمۈش نىسبىتى 1:68.1 دىن 1:70.5 كە ئۆرلەپ، يېقىنقى مەزگىلدە ئالتۇن باھاسى يۈزلىنىشىنىڭ كۈمۈشنىڭكىدىن ياخشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن.


\



كۈمۈشنىڭ يۈزلىنىشى بارغانسىرى ياخشىلىنىدۇ

گەرچە ئۆتكەن ئىككى ھەپتىلىك يۈزلىنىش ئالتۇننىڭكىگە يەتمىسىمۇ، كۈمۈشنىڭ ئەسلىدىكى ئەھۋالىمۇ ئەمىلىيەتتە يامان ئەمەس. نىيويورك سودا بىرژىسى تەمىنلىگەن سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ يىلدىن بۇيان كۈمۈشنىڭ يۇقىرى نۇقتا ۋە تۆۋەن نۇقتىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بۇ تىپىك بولغان ئىتتىك بازار يۈزلىنىشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈمۈشنىڭ بۇ ئىتتىك بازاردىكى تەۋرىنىشچانلىقى پەقەت %16.48 بولۇپ، ئىلگىرىكى %25 لىك نىسبەتتىن تۆۋەن، بۇ باھا ئېشىشىنىڭ بىرقەدەر تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئالدىدا ئېيتىنىمىزغا بىرلەشتۈرسەك، ئىتىك بازاردا، كۈمۈش دائىم ئالتۇندىن ئەۋزەل بولىدۇ.

باھا سىگنالىدىن سىرت، يەنە بىر يوشۇرۇن سىنگال ئىتىك بازارنىڭ داۋاملىشىشىدىن بىشارەت بېرىدۇ.


\

كۈمۈش مېلىنى قولدىن چىقىرۋەتمىگەن توختام سانى تارىخى يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن

قەرەللىك مال بازىرىدىكى قولدىن چىقىرۋەتمىگەن مال توختام مىقدارى بازارنىڭ ئەۋرىنىشچانلىقى ۋە ھەرقايسى جەھەتتىكى مۆلچەرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىسى بولسا نىيويورك سودا بىرژىسى پەسىل بويىچە سىتاتىستىكا قىلغان كۈمۈش قەرەللىك مېلىنىڭ مالنى قولدىن چىقىرۋەتمىگەن توختام مىقدارى، بۈگۈنكى ئۈندىكى توختام مىقدارى رېكورت ياراتقان يۇقىرى نۇقتا 227984 قولغا يەتكەن، بۇ 114 مىڭ ئۇنسىيە كۈمۈش، 20.7 مىليارد دوللارغا باراۋەر. كۆپ يىللىق سودا تەجىربىسىگە ئاساسەن، Andrew Hecht ھازىر بۇ خىل ئەھۋالدا، كۈمۈش باھاسى تېزلا ئۆسىدۇ، كۈمۈشتە كۈچىيىش يۈزلىنىشى پەيدا بولىدۇ، دەپ قارىغان.

\


ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.