بۇ ھەپتىدە ئىككى ئىش كۈمۈشنىڭ يۆنىلىشگە تەسىر قىلىدۇ

rabigul 2017-04-17 16:05:03

\


كىيىنكى بازار ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، بۇ ھەپتە تۆۋەندىكى ئېككى ئىش كۈمۈشنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بىرىنچى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەزاسىنىڭ سۆزى.

مۇشۇ پەيشەنبە, ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سۆسۈن مۇقاۋىلىق كىتاپ ئېلان قىلىدىغان بۇلۇپ، بۇ سۆسۈن رەڭلىك كىتابنىڭ مەزمۇنىدا كېلەر ئايدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىغا مۇھىم پايدىلىنىش رولى بار. ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ نەچچە يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارى مۇھىم سۆز قىلىدۇ.

دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىلىك بازار تەۋرىنىش ئەھۋالى بولسا، چوڭ دائىرىدىن زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ سۆزى ھەم ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بولغان. ھەمدە بۇ ھەپتىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋەتەنپەرۋەر نۇقتىسىدا تۇرۇپ سۆز قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۆنىلىشىگە پايدىلىق ھەم ، ئالتۇن كۈمۈش قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللارنىڭ يۆنىلىشىگە پايدىسىز ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بازارنىڭ كېلەر ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇش ئۈمىدىنى ئاشۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن ئۆرلەۋاتقان كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى: خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى

ئالدىنقى ھەپتىدىكى چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى پۈتۈن يەرشارى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، گەرچە ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ، لېكىن بازارنىڭ چاۋشىيەن ئارىلىغا بولغان دىققىتى سۇزلاشمىغان.

بۇ ھەپتىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، فرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش باشلىنىدۇ، بۇ تارىختىكى مۆلچەرلىنىشى ئەڭ قىيىن بولغان بىر قېتىملىق سايلام. بۈگۈنكى كۈنگىچە خەلق رايىنى تەكشۈرۈش تاللاش ئەھۋالى يەنىلا ئېنىق ئەمەس بۇلۇپ، ھەممىسىنىڭ سايلىنىش ئېھتىماللىقى بار، ھەمدە نۆۋەتتىكى تۆت نەپەر قىزىق نامراتنىڭ خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە قوللاش نىسبىتى ئىنتايىن يېقىن ، جۇڭگو جىنۋاڭ كىچىك ئانالىزچىسىنىڭ ، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى فرانسىيە چوڭ سايلامدا ئۈچتىن بىر قىسىم سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەن، ناۋادا لېپاڭ بىلەن مېيلاڭشىيۇڭ سايلىنىپ چىقسا، فرانسىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىپ، بازار تەتۈر ساناققا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى، باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.