بۇ ئايلىق كۈمۈش باھاسىنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟

rabigul 2017-04-07 14:38:09

\

يىقىندىن بۇيان كۈمۈش باھاسى قىسقا سىزىق يۆنىلىشىدىن 18 دوللارنىڭ ئۈستىدە تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ھەم بۇ ھەپتىدە كۈمۈش باھاسى ئوڭۇشلۇق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ 18-18.10 دىكى توسالغۇنى بېسىپ ئۆتۈپ، داۋاملىق ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلىدى، بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بىز كۈمۈش باھاسىنڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنىڭ بارلىقىنى ھەم بۇ ئاينىڭ كۈمۈشنىڭ باھا يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئاي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدۇق، دەرۋەقە بۈگۈن ئاسيىا بازىر ۋاقتىدا ئامېرىكا سۈرىيەگە ئۇشتۇمتۇت زەربە بەرگەنلىكتىن، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئېشىپ، كۈمۈشنىڭ باھاسى بىر ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىلارنى ياراتتى.

شىركىتىمىزنىڭ بازار ئانالىزچىسى ئالىيە خانىم بۇ ئايلىق كۈمۈشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك بازىرىغا نىسبەتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى: « كۈمۈشنىڭ بۇ ئايلىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا ئەھۋالىغا توختالساق، كەچتىكى ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ 3-ئايلىق غەيرىي يېزا-ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە قارايمىز، ئەگەر دوكلات نەتىجىسى ياخشى چىقىپ بەرسە، كۈمۈش باھاسىنىڭ يۆنىلىشىدە 21.15 دوللار ئەتراپىغىچە ئۆرلەش بوشلۇقى شەكىللىنىشى مۇمكىن، ئەگەر كۈمۈشتىن ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا قىلغۇچىلار بولسا كۈمۈش باھاسى 21.15 دىكى باھالارنى نىشان قىلىپ سودا مەشغۇلاتى ئېلىپ بارساق بولىدۇ. ناۋادا دوكلات نەتىجىسى كۈمۈشكە پايدىسىز چىقىپ قالسا، كۈمۈشنىڭ باھاسىدا %1-%1.5 كىچە چۈشۈش بوشلۇقى شەكىللىنىشى مۇمكىن».

كۈمۈش بازىرىنىڭ بۇندىن كىيىنكى بازار ئەھۋالىغا قىزىقسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991 .

ئەسكەرتىش: يۇقارقى ئۇچۇرلار تېخنىكىلىق ئانالىزنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇ جەرياندا كۈمۈش باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ ئۇچۇرلار ياكى خەۋەرلەر كۆرۈلسە، يۇقارقى مۆلچەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ.

شىنجاڭ ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى جۈمە

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.