كۈمۈشنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى باشقا قىممەتلىك مېتاللاردىن يۇقىرى بولدى

rabigul 2017-03-24 15:52:37

\

كۈمۈشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، پۈتۈن يەر شارىدا كۈمۈشكە بولغان ئېھتىياج ئېشىپ كەتتى، كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا كۈمۈشنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى ئالتۇننىڭ يۆنىلىشىدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. نۆۋەتتە كۈمۈش بازىرىدىكى مەبلەغلەر ئاز بولسىمۇ، لېكىن، بازارنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولسىلا مەبلەغ كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئالدىنقى ھەپتە 25 نۇقتا ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، لېكىن يېلېن كەلگۈسىدىكى ئۆسۈم قوشۇش تۇغۇرسىدا بېشارەت بەرمەيلا ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنى تېزلەتتى، لېكىن پۇل پاخاللىقى نىسبىتى قىسقا سىزىقتىن %2 نىشانغا يەتتى، ھەمدە يېلۈن مەقسەتلىك بىر مەزگىللىك بوش پۇل سىياسىتىنى قوللىدى، يېلۈننىڭ سۆزى ئالتۇن - كۈمۈش قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللار باھاسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى. شىۋىتسىيە گۇرۇھى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تەدرىجىي پۇل سىياسىتىنى تارايتىپ ئامېرىكا دوللىرىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى شۇنىڭ بىلەن قىممەتلىك مېتاللارنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يېلۈن قىممەتلىك مېتاللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، لېكىن كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئالتۇننىڭكىدىن بىر قەدەر تېز بولغان. ئالتۇنغا سېلىشتۇرغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار كۈمۈشكە مەبلەغ سالسا تېخىمۇ ياخشى بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتېتى پۇل سىياسىتىنىڭ ئۆسۈم قوشماسلىق جەھەتتىكى ۋەدىسىدە چىڭ تۇردى، بۇ ئەھۋال قىممەتلىك مېتاللارغا تېرەكلىك رول ئوينىدى. ھەم ئۆسۈۋاتقان بازار شارائىتىدا، كۈمۈشنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى باشقا قىممەتلىك مېتاللاردىن يۇقىرى بولدى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.