ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپمۇ كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسمەسلىكىدىن ئەنسىرىدى

rabigul 2017-03-22 15:44:00

\

چارشەنبە (3-ئاينىڭ22-كۈنى) نەق مال كۈمۈش باھاسى تار دائىرىدە تەۋرىنىش ئېلىپ بېرىپ 17.50 دوللار ئەتراپىدا بولدى. چۈنكى تىرامپنىڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئىستىقبالى ئىنىق بولمىغاچقا، ياۋرۇپا، ئامېرىكا پاي چىكى بازىرى ئارقا - ئارقىدىن چۈشۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرى تېخىمۇ چۈشۈپ ، 100 پۈتۈن سانلىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى، ھەم خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى يەنە كۈچىيىپ، كۈمۈشكە ئۆرلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھازىرلاپ بەردى. ئانالىزچىلار كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا سىزىقىدىن قارىغاندا 18 دوللارنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىدى.

مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ باج كېمەيتىشكە ۋەدە قىلغاندا ئىككىلىنىپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا دۇچاربولغانلىقتىن، بازاردىكى جىددى كەيپىيات ئېغىرلىشىپ كەتتى، پارلامېنتنىڭ ھالقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىغا قانۇن لاھىيەسى بۇيىچە بىلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى، دوللار ۋە پاي چېكى چوڭ دائىرىدە چۈشۈپ، كېچىچە ساقلانغان پاي چىكى بەش ئايدىن بۇيانقى چوڭ دائىرىدە چۈشۈپ كەتتى. ياۋروپا پاي بازىرىنىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر ناچار بولغان بۇلۇپ، بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى يەنە كۈچەيگەنلىكتىن، كۈمۈشنى ئۆرلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى چۈشۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى — بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پاي چېكى مۆلچەر قىممىتىنىڭ بەك يۇقىرى بۇلىشىدىن بۇلۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ترامپ ھۆكۈمىتى داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، تىرامپ باج كېمەيتىشكە ۋەدە قىلغاندىلا ئاندىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.