كۈمۈش باشتىن-ئاخىر بازارنىڭ تاللىشىنى قولغا كەلتۈردى

rabigul 2017-03-14 13:23:57

\

CNFOL ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: كۈمۈش جۇڭگونىڭ قەدىمىي دەۋرىدىلا پەيدا بولغان بۇلۇپ، ئارخېئولوگلارنىڭ دېيىشىچە شاڭ سۇلالىسى دەۋردە قۇلۇلە كۈمۈش قاتارلىق پۇللارنى ئىشلەتكەن، ئەمىنيە- يېغىلىق دەۋردە، كۈمۈش تەڭگە بارلىققا كەلگەن. بەش دەۋر ئىلگىرى كۈمۈش ئىنئام بېزەكلىرى رولىنى ئۆتىگەن ، چىن ، خەن سۇلالىلىرى ئارىلىقىدا كۈمۈش ئاساسلىق چىقىم ۋاستىسى بولمىغان بۇلۇپ، بەش دەۋردىن كىيىن ئاندىن كۈمۈش تەدرىجىي ھالدا چىقىم ۋاستىسى رولىنى ئۆتىگەن. ئېككى سۇڭ دەۋردىن كىيىن كۈمۈش تەدرىجىي ئەل ئارىسىغا سىڭگەن، ھەم پۇل بىلەن بىللە ئىشلىتىشكە باشلىغان. تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، جۇڭگودا كۈمۈش رەسمىي پۇللاشتۇرۇشنى تاماملىغان. شۇنىڭدىن كېيىن19 -ئەسىرنىڭ30-يىللىرىغا كەلگەندە، جۇڭگو تالاي بالايىئاپەتلەرنى تارتقان، بۇ جەرياندا كۈمۈش ۋە تەڭگە قايتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن.

جۇڭگونىڭ ئۆزى كۈمۈش تەڭگە ياساشتىن بۇرۇن، كۈمۈشنىڭ كېلىش مەنبەسى چەت ئەل ئىدى. كۈمۈش ئېغىر پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۈپىتىنى ياكى ساپلىقىنى تەكشۈرۈش جەھەتتىن بولسۇن، كۈمۈشنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش جەھەتتىن بولسۇن، ھەر قايسى جايلارنىڭ سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقتىن، ئىشلىتىش قۇلايسىز ئىدى. جۇڭگودا ھەر خىل گۆرۈخانا، بانكا، سەرراپخانا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى بولسىمۇ، لېكىن، ھازىرقى بانكىلارغا ئوخشاش تەرەققىي قىلىپ سېستىملاشقان ئەمەس.

جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل بارلىققا كەلگەن دۆلەت. غەرب ئوتتۇرا ئەسەرلىرىدىكى، ئالتۇن-كۈمۈش قوش بىرلىكى ئوخشاش مەزگىلدە، قەغەز پۇل شىمالىي سۇڭ سولالىسىدىلا خېلى كۆلەملەشكەن ئىكەن.

يۈەن ۋە مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە،قەغەز پۇل جەھەتتىكى ئىللەتلىرى كۈچىيىپ كەتكەن، بۇ چاغدا كۈمۈش قانۇنلۇقلۇق خۇسۇسىيىتىنى تېخى ھازىرلىمىغان، يۈەن سۇلالىسى دەۋىردە كۈمۈشنى ئىشلىتىش تىزگىنلەنگەن بۇلۇپ، ھالبۇكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە داۋاملاشقان. ئەڭ ئاخىرىدا ئامالسىز قېلىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كۈمۈشنىڭ مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىنغان. كۈمۈش پۇلنىڭ ئۇرنى قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كىيىن، جياجىڭ يىللىرىدا ھۆكۈمەت رەسمىي كۈمۈش پۇل بىلەن پۇلنىڭ سېلىشتۇرما باھاسىنى بېكىتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن،كۈمۈشنىڭ ئورنى 20-ئەسىرنىڭ30-يىللىرىغىچە يۇقىرى ئورۇنغا چىققان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.