ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى

rabigul 2017-01-19 17:54:48

\

نۆۋەتتە ئالتۇن بازىرى ئىقتىسادى ئامىللارنىڭ ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئامىللارنىڭ ناھايىتى چوڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. جۇڭگو ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، لېكىن ئالتۇن باھاسى يەنىلا ئۆرلەپ كەتتى.

نۆۋەتتە بازار ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ھەر قانداق ئامېرىكىغا پايدىسىز خەۋەرلەر ئالتۇن باھاسىغا تىرەش كۈچى بولىدۇ؛ مەسلەن ياۋروپا رايونى چوڭ سايلىمى، ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى، قەرز قورغان ئۈستى ۋە ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى، بولۇپمۇ پۇل پاخاللىقى قاتارلىقلار.

2017-يىلى ئالتۇن 2011-يىلدىن بۇيانقى تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدىكى خىرىسقا ئۇچرايدۇ، بۇ ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالتۇن ئىگە بولىدىغان سەۋەبنى ئالدىنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ تولۇقلايدۇ. ئالتۇن باھاسى ئۆزگەرسە ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە ئېنىقسىزلىقى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ، بۇنىڭ تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچى بار.

مۆلچەر ئەمەلىي گەۋدە بىلەن سېتىۋېلىش ئالتۇن باھاسىنىڭ %15 يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ يىل ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى 1148-1390 دوللار، ئوتتۇرچە باھاسى 1310 دوللار ئەتىراپىدا.

كۈمۈش باھاسىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك كاسات بازارنى يېڭىشكە مۇھتاج، نۆۋەتتە كۈمۈش باھاسى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئېھتىياجىلىق بولغان توسالغۇ نۇقتا بولسا 18.60 دوللار. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا كۈمۈش تاناسىپلىق ئالتۇنغا تەڭ بولىدۇ، لېكىن بازارغا سېلىنغان سودا فوندى ۋە قەرەللىك مالنىڭ غايەت زور ھايانكەشلىك خاراكتېرى كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل كۈمۈشنىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى 15.95-23 دوللار، ئوتتۇرچە باھاسى 19.75 دوللار ئەتىراپىدا.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.