2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن

rabigul 2017-01-18 16:13:02

\

fx168 تورى خەۋرى، ئىلكان تەرجىمىسى،1-ئاينىڭ 16-كۈنى گوللاندىيە بانكىسى (ABN AMRO) ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېدى، گەرچە 2017-يىلى يىل بېشىدىن بۇيان قىممەتلىك مېتاللارنىڭ ئىپادىسى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ يەنە ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى سەۋەبىدىن، ئالتۇن باھاسى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلىدى، بولۇپمۇ كۈمۈش باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش دائىرىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش دائىرىسىدىن چوڭ بولىشى مۇمكىن. پەسىل خاراكتېرلىك ئامىللارنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، كۈمۈش باھاسى تەخمىنەن %5 ئەتىراپىدا ئۆرلىدى.

گوللاندىيە بانكىسى تاشقى پېرېۋوت ۋە قىممەتلىك مېتاللار تاكتىكچىسى Georgette Boele دوكلاتتا مۇنداق دەپ يازغان، " كۈمۈش ئاز ئۇچرايدىغان مېتال پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىدىكى ماس قەدەملىك خاسلىق 2017-يىلدىكى باھانىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ." بۇ بانكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلەيدۇ، چۈنكى ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتى ۋە ۋە دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

Boele يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، " دوللارنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت قەرزدىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈمۈش باھاسىمۇ ئالتۇن باھاسى بىلەن تەڭ قەدەمدە تۆۋەنلەيدۇ، لېكىن كۈمۈش باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش دائىرىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش دائىرىسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن."

گوللاندىيە بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2017-يىلى كۈمۈش باھاسىنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى 15.50 دوللار ئەتىراپىدا بولىشى، بىرىنچى پەسىلدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئوتتۇرچە باھاسى 16.30 دوللار بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.