دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسى ئۇچۇر نەتىجىسى كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق ئېلىپ كىلىدۇ

hasiyat 2016-12-30 13:15:19

\

ئالتۇن تورى خەۋىرى،ئىلكان تورى تەرجىمىسى،يېقىندىن بۇيان دوللارنىڭ يۈزلىنىشى ئاجىز بولغانلىقتىن،ئالتۇن كۈمۈش باھاسىدا يۇقىرى نۇقتىلاردا تەۋرىنىش كۈرۈلدى.تۈنۈگۈن كېچە ئامېرىكا ئىشسىزلىق سوممىسى ئىلتىماس قىلشى ئادەم سانى سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ،ئۇچۇر نەتىجىسى ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا پايدىلىق چىقتى.ئشسىزلىق سوممىسى ئىلتىماس قىلىش ئادەم سانى سانلىق ئۇچۇرى ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم سانلىق ئۇچۇرى بۇلۇپ،ئالدىنقى ھەپتىلىك ئامېرىكا ئىشسىزلار سانى ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنى ئىپادىلەپ بەرگەن؛مەبلەغ سالغۇچىلار مەزكۇر سانلىق ئۇچۇر نەتىجە ئەھۋالىدىن ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنى بىلەلەيدىكەن.ئىشسىزلىق سوممىسى ئىلتىماس قىلىش سانلىق ئۇچۇرى ئامېرىكا فېدېراتىسىيسنىڭ ئۆسۈم قۇشۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ،شۇڭا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ كەلگۈسىىدىكى يۈزلىنىش ئەھۋالىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىش رولى بار ئىكەن،ھەمدە بۇ سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا بەلگىلىك تەۋرىنش پەيدا قىلدىكەن.ئۇنداقتا بۇ ئۇچۇر زادى پايدىلىقمۇ ياكى پايدىسىزمۇ ؟

تەھلىلچىلەرنىڭ قارشىچە،پەيشەنبە كۈنى بازار ئېلان قىلغان ئالدىنقى ھەپتىلىك ئىشسىزلىق سوممىسى ئىلتىماس قىلىش ئادەم سانى سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى ياخشى چىقىپ،تۇنجى قېتىم ئشسىزلار ئادەم سانى 10مىڭ ئادەم سانى تۆۋەنلىگەن بۇلۇپ،ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىش بازىىرنىڭ ئىنتايىن زورىيىپ ،تۇلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىگە يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن؛روژستىۋا بايرىمى ۋە يېڭى يىل ھارپىسى مەزگىلدە بازار تەۋرىنىشى بىر قەدەت سۇس بۇلىدىكەن؛تېخنىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا ،ئۇزۇن مەزگىللىك بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا كۈمۈش باھاسى ئۇددا چۈشۈش ھالىتىدە بۇلۇپ،قىسقا مەزگىللىك يۆلىنىشتە كۈمۈش باھاسى قايتا ئۆرلەيدىكەن ھەمدە ئىشسزلىق سوممىسى ئىلتماس قىلىش سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بۇلدىكەن.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.