كىلەر ھەپتىدىكى ئۆسۈم قارار يىغىنىنىڭ كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى

hasiyat 2016-12-06 16:41:36

\

ئالتۇن تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنى(سەيشەنبە) دىكى ئېلان قىلغان خەۋرىگە ئاساسلانغاندا،5-دېكابىر ئىتالىيەنىڭ ئۇمۇمىي بىلەت تاشلاش پائالىيىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ،ئالتۇن كۈمۈش باھاسى قىسقا مەزگىللىك تېز سۈرئەتتە ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى،لېكىن ئارقىدىنلا ئۆزنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ،ئالتۇن كۈمۈش باھاسىمۇ ئەسلىدىكى تۆۋەن باھاغا قايتىپ كەلدى.تۈنۈگۈن شۇ كۈن ئىچىدە ئېلان قىلغان ئامېرىكا سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى قممەتلىك بۇيۇمغا نىسبەتەن بېسىم ئېلىپ كەلدى.كۈمۈش باھاسىنىڭ كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشىنىڭ قانداق بۇلىشى يەنىلا ئامېرىكا فېدېراتسىيسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا دىققەت قىلماقتا .

ئامېرىكا فېدېراتسىيسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشچە،ئامېرىكا 11-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىىشش بازار ئەھۋالى كۆرسەتكۈچى 1.5 بۇلۇپ چوڭ دائىرىدە ئاشقان، مۆلچەر قىممەت 0.2 -،ئالدىنقى قىممەت 0.7 بولغان. ئۇچۇر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ،ئالتۇن كۈمۈش باھاسى قىسقا مەزگىللىك تۆۋەنلەپ،دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى.دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،ئامېرىكا مىجىگىن ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى MichaelFeroliنىڭ ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى غەيرى يېزا-ئىگىلىك سانلىق ئۇچۇرىدىن كېيىنكى دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشچە،پەقەت تاساددبىي غەيرى ئەھۋاللار كۈرۈلمىسىلا ،ئامېرىكا فېدېراتسىيسىنىڭ بۇ ئايدا ئۆسۈم قۇشۇش ئېھتىماللىقى ئاللىقاچان قارماققا ئىلىنىپ بولغان.

ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنىدىن بۇرۇن ،ئامېرىكا مىجىگىن ئۇنۋىرسىتىنىڭ مۆلچەرلىىشچە،ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن بۇيان دوللار باھاسى ئۆرلەپ،ئامېرىكا فېدېراتسىيسىنىڭ 2017-يىلدىكى پۇل پاخاللىقى ئالدىنقى ئۈچ ئايغا قارىغاندا ئوخشاش تۈۋەنلىگەن.لېكىن 11-ئايلىق غەيرى يېزا-ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكىلاتىدا ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان تۆۋەن ئشسىزلىق نىسبىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ،مىجىگىن ئۇنۋىرسىتى كىلەر يىلدىكى پۇل پاخاللىق نىسبىتىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

كۈمۈش باھاسىنىڭ يۈزلىنىشگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ،ئامېرىكا فېدېراتسىيسىنىڭ ئۆسۈم قۇشۇشىشى ناھايتى مۇھىم تەسىر پەيدا قىلدىغان بۇلۇپ،بۈگۈن كۈمۈش باھاسى 16.72 دوللار ئەتراپىدا بازار ئېچىلدى،نۆۋەتتە ئۆرلەش بوشلۇقى %0.33 ئەتراپىدا بۇلۇپ،تېخنىكىلىق جەھەتتە ئۆرلەش بوشلۇقى شەكىللەنگەن، لېكىن قىسقا مەزگىللىك جەھەتتە يەنىلا ئۆسۈم قۇشۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ،بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نەزىرىدە بۇلدىغىنى نىيۇرۇك فېدېراتسىيە رەئىسى دۇ دېلىنىڭ سۆزى ھەمدە ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە زاپىسى ئېلان قىلدىغان ئەڭ يېڭى ئۆسۈم قارار يىغىنى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.