ئۆسۈم قۇشۇش سايىسىدە كۈمۈش بازىرى كاساتلىشىش بازىرىغا قەدەم قويىشى مۇمكىن

hasiyat 2016-11-21 15:32:55

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 11-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،خېرىدارلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتىسيسىنىڭ كېينىكى ئايدا ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرىنىڭ جەزىملىشىىشىگە ئەگىشىپ،كۈمۈشكە مەبلەغ سالغۇچى خېرىدارلار بازاردىن بىر-بىرلەپ چېكىنىشكە باشلىدى؛

كۈمۈشنى قوللايدىغان ئەڭ چوڭ قىممەتلىك مېتاللار سودا مەركىزى ETF)——iShares )نىڭ ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە كۈنىگىچە ئۇمۇمىي ئاقما مەبلەغ 7900مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان بۇلۇپ،بۇ بىرنجى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مۈلۈك ئېىقىپ چىقىشى ئىكەن؛

ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،پۈتۈن دۇنيادىكى كۈمۈش زاپاس مىقدارى 2900ئۇنسىيە كېمەيىگەن بۇلۇپ،10ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تۆۋەنلەش بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەشغۇلاتچىلارنىڭ قارشىچە،ئامېرىكا فېدېراتسىيسىنىڭ كىلەر ئايدا ئۆسۈم قۇشۇش ئېھتىماللىقى ئۆرلەپ،مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇندىن ئامېرىكا دۆلەت زايۇمى قاتارلىق خەتەردىن ساقلىنىش مۈلۈكىگە يۆتكەلگەن،بۇنىڭ كۈمۈش باھاسى كۈچلۈك زەربىگە ئۇچىرىغان.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلۈن ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ مۇنداق دېدى،"ناھايتى تېز " ئۆسۈم قوشىلدۇ، بلۇمبېرگ ئامېرىكا دوللىرى نەق مال كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئىككى ھەپتە ئۆرلىدى .

نىيۇرىك سودا مەركىزىىنىڭ مەھسۇلاتلىرى 12-ئايدا قەرەلىك كۈمۈش باھاسى ئالدىنقى جۈمە كۈنى %0.9 دائىرىدىكى تۆۋەن باھادا بازار يېپىلدى،ھەر ئۇنىسيە كۈمۈش باھاسى 16.624دوللار بولدى.ھەمدە شۇ كۈنى كۈمۈش باھاسى ئالتە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا ھەر ئۇنسىيە كۈمۈش 16.43 دوللار بولدى.

ئەگەر كۈمۈش باھاسىنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى ھەر ئۇنسىيە كۈمۈش 16.5608دوللاردىن تۆۋەن بولسا،دېمەك كۈمۈش باھاسى مۇشۇ 8-ئايغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە %20 چۈشۈش بوشلۇقى شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.