دوللارنىڭ چۈشۈشى -سەيشەنبە كۈندىكى كۈمۈش باھاسىغا تۈرتكە بولدى

hasiyat 2016-10-19 17:30:20

\

<FX168> مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى ( شياڭگاڭ ) خەۋىرى :تاراتقۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە،سەيشەنبە (10-ئاينىڭ-18) كۈنى كېچىسى كۈمۈش<T+D> باھاسىدا ئۆرلەش كۆرۈلۈپ،3988يۈەندىن 3989 يۈەنگە ئۆرلىگەن. سەيشەنبە كۈنى 53يۈەن ئۆرلەپ،ئۆرلەش بوشلۇقى% 1.35بولغان. خەلقئارا كۈمۈش باھاسى سەيشەنبە كۈنى ھەر ئۇنسىيە كۈمۈش 17.47دوللاردىكى
باھادا بازار ئېچىلغان بۇلۇپ، كۈنلۈك ئۆرلەش دائىرسى ئەڭ يۇقىرى 17.71دوللاردىن ئەڭ تۆۋەن17.42دوللار ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ بارغان.
سەيشەنبە كۈنى دوللار باھاسىدا بىر ئاز تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ،بازارنىڭ ئامېرىكا سايلام نەتىجىسىگە قارىتا غەم-ئەندىشىلىك كەيپىياتى تەسىرىدىن،ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ12-ئايدىكى ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرىگە نىسبەتەن تەسىر ئېلىپ كەلگەن.تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ 9-ئايلىق پۇل پاخاللىق سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى ئۇددا 11ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسىتىپ ،ئامېرىكا فېدېراتسىسيىنىڭ ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرىگە تىرەشلىك رول ئوينىغان؛
سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىدا ئازراق ئۆرلەش كۈرۈلگەن بۇلۇپ،بۇنڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا،دوللارنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. كۆرسىتىلىشىچە،سەيشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى يەتتە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەن. ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالسا،دوللارنىڭ چۈشۈش بوشلۇقى چەكلىمىگە ئۇچىرايدىكەن. CMEگورۇھىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىگەللىنىشىچە،ئامېرىكا فېدېراتسىيسىنىڭ -12ئايدىكى ئۆسۈم قۇشۇش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %70ئىكەن.نۆۋەتتە بازارنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ھېلارى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بۇلۇپ،تېلامپىغا قارغاندا %7.1 ئۈستۈنلۈكنى ئېىگەللىگەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.