كۈمۈش باھاسى يەنە داۋامىلق تەۋرىنىش ئەندىزىسىنى ساقلاپ قالامدۇ؟

gulbostan 2016-08-19 11:06:43

\
بۈگۈن خەلىقئارالىق كۈمۈشنىڭ باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 19.56دوللار ئەتراپىدا بولدى. تۆنۈگۈن كەچ ئامېرىكا فېدىراتسىيىسى 7-ئايلىق يىغىنىنىڭ مۇھىم سانلىق ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، دوللارغا بېسىم پەيدا قىلىپ، كۈمۈشنىڭ بازاردىكى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 19.94دوللارغا يەتتى. بىراق ئارقىدىنلا ئامېرىكا فىدىراتسىيىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى ياخشى بولغانلىقتىن، كۈمۈشنىڭ باھاسى يەنە تۇيۇقسىز ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرىدىكى بازار يېپىلىش باھاسى 19.75دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. بۈگۈن مۇھىم ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى يوق، شۇڭا كۈمۈشنىڭ باھاسى داۋاملىق تەۋرىنىش ئەندىزىسىنى ساقلاپ قالىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.