بۇ بىر قانچە كۈندىكى كۈمۈشنىڭ بازار ئەھۋالى

gulbostan 2016-07-01 10:27:54

\

كۈمۈش بازىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈندىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان بولۇپ، بۇ پەسىلدە كۈمۈش باھاسى %1.9 ئۆرلىدى. بۇ بولسا يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر پەسىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. چارشەنبە كۈنىدىكى ئۆرلەش دائىرىسى 17 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، تۆنۈگۈن يەنە داۋاملىق ئاز نىسبەتتە ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 18.4دوللار ئەتراپىدا بولدى. كۈمۈش باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى/كۈمۈش باھاسى چۈشۈپ، يېقىنقى 9ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەت 71.9قا يېقىنلاشتى. گېرمانىيە سودا بانكىسى(Commerzbank)مۇنۇلارنى بىلدۈردى : « كۈمۈش بازىرى ئىككىلا تەرەپتىن نەپكە ئېرىشىۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئالتۇن باھاسى كۈمۈش باھاسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي يەنە بىر تەرەپتىن قىممەتلىك مېتاللارنىڭ ئۆرلىشىمۇ كۈمۈشنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى».

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.