ئامېرىكا ئىقتىسادى قىسىلىپ، كۈمۈش يۆنىلىشى ئېنىقسىز

karima 2016-05-26 12:36:22


\

تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىدى، لېكىن يەنىلا يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتا ئەتراپىدا ئايلاندى. مەبلەغ سېلىش ئورگانلېرى كۆرسەتمە بېرىپ، ئامېرىكا فېدراتىسىيسىنىڭ 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى قايتا ئېشىپ، دوللارنىڭ يەنىلا چوڭ دائىرىدە ئۆسۈش بوشلۇقى بار. سېتىۋېلىش دېرىكتورى كۆرسەتكۈچ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك ئۆسۈش ئۈمىدىگە زەربە بەردى؛ 5-ئايلىق مۇلازىمەت كەسپى ئېشىش سۈرئىتى 2009- يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى، ھەمدە ياساش كەسپى تۆۋەنلەش ھالىتىدە بولدى؛ سانلىق ئۇچۇرلار ئامېرىكا ئىككىنچى پەسىللىك GDP ئېشىش سۈرئىتى يىللىق نىسبىتى پەقەت %0.7 بولدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. لېكىن بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرىكى ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىققاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن كەچ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا 4-ئايلىق يېڭى ئۆي سېتىش مەلۇماتى يۇقىرى چىقىپ 8 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى، ئۆي باھاسى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسىتىپ، ئىككىنچى پەسىللىك دەسلەپكى ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئاشقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.