كۈمۈشنىڭ چۈشۈشىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ

sayibjamal 2016-05-24 17:25:29

\

تۈنۈگۈن قىممەتلىك مىتاللارنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى گەرچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ھالدا كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىدى. ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى تېز سۈرئەتتە چۈشتى، ئاندىن ئۇدا بازار ئاخىرلاشقىچە تۆۋەن ئورۇندا تەۋرەندى، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 16.302 دوللارغا چۈشتى. بازار يېپىلىش باھاسى 16.378 دوللار بولۇپ، تەۋرىنىشى %0.96 كە يەتتى. نەق مال ئالتۇننىڭ كۈندىلىك چۈشۈشى 13 دوللار ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1256.16 دوللارغا يەتكەن بولۇپ، تۆۋەن بولغاندا 1243.05 دوللار بولغان، بازار يېپىلىش باھاسى 1249.17 دوللار بولۇپ، %0.26 چۈشكەن.
دۈشەنبە كۈنى ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى بىلەن ئاساسىي يۈز ھادىسلىرى بىر قەدەر ئاز بولدى، بازاردا سودا بوش بولدى. مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشنىڭ كەلگۈسىنى تالاش تارتىش قىلىۋاتىدۇ ھەمدە بۇ ھەپتىدىكى بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارغا ۋە ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ رەئىسى ياللېننىڭ نۇتۇقىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋاقىتلىق تەۋرىنىشنى رەتلەشتە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ يىتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. نىفىت جەھەتتە، نىفىت باھاسى دۈشەنبە كۈنى ئازراق چۈشتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەمىنلەشنىڭ ئۈزلۈپ قېلىش ئەندىشىسى سەل يىنىكلىدى، گەرچە تېخنىكا جەھەتتە نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش سەۋەبىنى تاپالمىغان بولسىمۇ، بىراق زىچ بولغان ئۆسۈش نۇقتىسى نىفىت باھاسىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن. بىراق بازاردا داۋراڭ سېلىنىۋاتقان قىززىق نۇقتىلار ھەر ۋاقىت يەنە تەمىنلەشنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىشقا ئۆزگىرىپ، نىفىت باھاسى يۇقىرى نۇقتىدا تەۋرىنىش ئارلىقىنى ساقلىشى مۇمكىن.
مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ھەپتە ئامېرىكا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدىن ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ 6- ئايدا ياكى 7-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش قوشماسلىقى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا فېدراتسىيسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار ئۆسۈم قوشۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. بىراق كەلگۈسىدە ئۆسۈم قوشۇش قوشماسلىق يەنىلا سانلىق مەلۇماتلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.