كۈمۈشنىڭ چۈشۈش يۈزلىنىشى ئاستىلىدى

sayibjamal 2016-05-23 16:15:20

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق مال كۈمۈش باھاسى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى (دۈشەنبە) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى باھاسى 16.55 دوللار بولۇپ تار دائىرىدە تەۋرەنگەن. 5-ئاينىڭ 20-كۈنى (جۈمە) ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى كۈچەيگەنلىكتىن، دوللار ئۆسكەن. كۈمۈش باھاسى شۇ كۈنى ئاساسەن 16.40~60 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەنگەن. بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدراتسىيىسى رەئىسى ياللىن باشچىلىقدىكى نۇرغۇن تەدبىر بەلگۈلگىچىلەرنىڭ نۇتۇقلىرىغا دىققەت قىلدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا GDP قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارغىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.
ھازىر كۈمۈش باھاسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى بۆسۈش نۇقتىسى 16.60 بولۇپ، باھاسى 17 دوللار بولغان. يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدىكى بۆسۈش نۇقتىسى 17.32، 17.64، 17.80، 18، 18.45، 18.60، 18.80 بولۇپ 19 دوللار بولغان. چۈشۈش جەھەتتە، دەسلەپكى تىرەش نۇقتىسى 16.30 دوللار بولغان بولۇپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدىكى تىرەش نۇقتىلىرى 16.20، 16، 15.87 بولۇپ، 15.45 دوللار بولغان.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈمۈش ئىشلەپچىقىردىغان دۆلەت مېكسىكا بۇ يىل 2-ئايدا 350204 كىلوگىرام كۈمۈش ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، 1-ئايدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %9 تىن ئارتۇق چۈشكەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا %12.4 چۈشكەن.
ئامېرىكا قەرەللىك مال سودا كومېتىتى جۈمە كۈنى (5-ئاينىڭ 20-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە COMEX كۈمۈش مەبلەغ سالغۇچىلانىڭ قولىدىكى ئۆسۈش مېلى 4674 قولدىن 66982 قولغىچە ئازىيىپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكى نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.