كۈمۈش باھاسى 17.30 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىغا ئۇچرىدى

rabigul 2016-05-13 17:04:38

\

5-ئاينىڭ 12-كۈنى نەق كۈمۈش باھاسى يۇقىرى بەلۋاغنىڭ تۆۋەنكى كۆلەڭگە سىزىقىنىڭ چوڭ مەنپىي سىزىقدا بازار يېپىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى باھاسى 17.45 دوللار، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 16.95 دوللار ئەتىراپىدا بولدى.

پەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دېگەن 17.45 دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىسى گەرچە سىناق بولسىمۇ، لېكىن سىناق نەتىجىسىز بولدى، شۇڭا بېسىم نۇقتىسى ئۈنۈملۈك بولۇپ، قىسقا ۋاقىت يەنىلا چۈشۈش ھالىتىنى ساقلىدى.

كۈندىلىك تېخنىكا كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، MACD سىزىقى ئۈستىدىكى يېشىل ھەرىكەت ئېنېرگىيە تۈۋرۈكى چوڭىيىش ھالىتىدە؛ بۇلىن بەلۋېغىدا، كۈمۈش باھاسى يەنىلا ئوتتۇرا رېلىس ئۈستىدە تۇرىۋاتىدۇ؛ قىسقا ۋاقىت ئوتتۇرچە سىزىق يۇقىرىغا يۈزلەنگەن ھالەتتە.

بۈگۈن ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ، يۇقىرى تەرەپتە 17.30 دوللار ئەتىراپىدا توسالغۇ نۇقتىغا، تۆۋەنكى تەرەپتە 16.80 دوللار ئەتىراپىدا تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرىدى؛ شۇڭا، مەبلەغ سالغۇچىلار مەشغۇلات قىلىش جەھەتتە، ئېھتىيات بىلەن سودا قىلىش كېرەك؛

كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك يۆنىلىشى چۈشۈش بولۇپ، توسالغۇ نۇقتىلىرى: 17.30 ، 18 ، 18.50 ؛

تىرەش نۇقتىلىرى: 16.80، 16.70 ، 16.50 ؛

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.