كۈمۈش باھاسى تار دائىرلىك تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى

rabigul 2019-04-23 15:54:49

\

4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، خەلقئارا نەق مال كۈمۈش باھاسى 15.00 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. ئالدىنقى سودا كۈنى كۈمۈش باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە چۈشۈشنى ئاساس قىلدى، بۈگۈنكى سودا كۈندىمۇ چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ.

دۈشەنبە كۈنى خاتىرىلەش بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاۋسترالىيە، شىياڭگاڭ ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى دەم ئالدى. گەرچە دۇنيا تاشقى پېرېۋوت سودىسى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سودا مىقدارى كۆپ ئەمەس. شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا 3-ئايلىق پۈتكەن ئۆينى سېتىش سانلىق مەلۇماتى چوڭ نىسبەتتە 4.9% تۆۋەنلىدى. دوللار كۆرسەتكۈچى 97 دىكى ئۆتكەلنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە چۈشۈش يۈزلىنىشىنى ساقلاۋاتىدۇ. نەق مال كۈمۈش باھاسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تار دائىرلىك تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى.

بۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى كىچىك نىسبەتتە يۇقىرى ئۆرلىدى، لېكىن تەۋرىنىش نىسبىتى نىسبەتەن تار دائىرلىك بولدى.

خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتى(IMF) دۇنيانىڭ 20199-يىللىق ئىقتىساد ئېشىش مۆلچەرنى 3.3% تۆۋەنلەپ، پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.