دوللار بىلەن قىممەتلىك مېتاللار باھاسى ماس قەدەمدە بېسىمغا ئۇچرىدى

rabigul 2019-04-16 19:00:39

\

4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، خەلقئارا نەق مال كۈمۈش باھاسى 14.95 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى؛ ئالدىنقى سودا كۈنى كۈمۈش باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىپ 14.84 دوللار ئەتراپىغىچە تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈندىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى شەكىللەندۈردى، لېكىن بۇ نۇقتىدىن كۈچلۈك يۇقىرى ئۆرلەپ، شۇ كۈندىكى تۆۋەنلەش نىسبىتىنى قايتۇرۇۋالدى. بۈگۈن كۈمۈش باھاسى تار دائىرىدە تەۋرەنگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەش ھالىتىگە كىرىپ، ئومۇمىي جەھەتتىكى بېسىمغا ئۇچراش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى ئۆرلەش ۋەزىيىتىمۇ يوققا چىقتى.

گەرچە دوللار ئاجىزلىغان بولسىمۇ، لېكىن قىممەتلىك مېتال ئالتۇن ۋە كۈمۈش باھاسىمۇ ماس قەدەمدە بېسىمغا ئۇچرىدى، بۇ بىر قەدەر ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. نۆۋەتتە بازار كەيپىياتى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ( F E D ) سىياسىتىنى قىسقارتىشىغا بولغان ئەندىشىسى ۋاقتىنچە توختىدى، بۇنىڭ بىلەن دوللار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يېقىندا ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشى ۋاقتىنچە تىنچ مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرى بىر قەدەر ئۈمىدۋار، بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تۆۋەنلەپ، قىممەتلىك مېتاللار باھاسى تۆۋەنلىدى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.