كۈمۈش باھاسىنىڭ 15 دوللاردىكى ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىشىدىكى سەۋەب

rabigul 2019-04-12 18:26:40

\

4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال كۈمۈش باھاسى 14.96 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. ئالدىنقى سودا كۈنى كۈمۈش باھاسى چوڭ نىسبەتتە تۆۋەنلەپ، 15 دوللاردىكى ئۆتكەلنى قولدىن بېرىپ قويدى، ھەم نىيورىك بازىرىدا تۆۋەن باھا 14.88 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنپىي ھالەتتە بازار يېپىلدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كۈمۈش باھاسى ۋاقتىنچە تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرىغا قاڭقىشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا 15 دوللارنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە تەۋرىنىۋاتىدۇ.

ئالدىنقى سودا كۈنى كۈمۈش باھاسىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىدىكى سەۋەب، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ياخشى چىقىپ، دوللار چوڭ نىسبەتتە يۇقىرى ئۆرلىدى، شۇنىڭ بىلەن دوللار بويىچە ھېسابلىنىدىغان قىممەتلىك مېتاللار بېسىمغا ئۇچرىدى. يەنە بىر تەرەپتىن مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ كۈچلۈك ئۆرلەش جەرياندىكى پايدىغا ئېرىشتى. لېكىن بازارنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلىشىشىغا بولغان ئەندىشىسى تىرەش كۈچى بولۇپ، كۈمۈش باھاسى قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى.

بۈگۈن ئامېرىكا مىچىگان ئۇنۋىرستىتى ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ۋە ئىمپورت مال باھا كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى(BOE) نىڭ بانكا باشلىقى نۇتۇق سۆزلەيدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇ خەۋەرلەر دىققەت قىلىشى كېرەك؛ ئەگەر ئامېرىكا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا، ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك مېتاللار يەنە بىر قېتىم تۆكمە قىلىپ سېتىلىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.