كۈمۈش باھاسى ھالقىلىق تىرەش نۇقتىسىغا يېقىنلاشتى

rabigul 2018-05-16 15:47:13

\

5-ئاينىڭ 16- كۈنى نەق مال كۈمۈش باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە يۇقىرى ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى؛ ئەتىگەنلىك بازاردا دوللار كۆرسەتكۈچى يۆنىلىشىدە ئازراق تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا كۈچلۈك ۋەزىيەتنى ساقلاۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى چەكلەپ قويدى؛ بۈگۈن ئېلان قىلىندىغان مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز بولۇپ، ئامېرىكا زايوم نىسبىتىنىڭ دوللار كۆرسەتكۈچىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

كۈندىلىك سىزقتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈمۈش باھاسى ئاللىقاچان ئۈچ بۈرجەكنىڭ تۆۋەنكى رېلىسىدا تىرەش نۇقتىسىغا يېقىنلاشتى؛ 4 سائەتلىك سىزىقتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈمۈش باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە توختىغان بولسىمۇ، لېكىن كۈمۈش باھاسى كۈمۈش تەۋرەنمە تەۋرىنىش يۈزلىنىشىنى داۋاملىق ساقلايدۇ.

1 سائەتلىك سىزىقتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن 50 سائەتلىك ئوتتۇرچە سىزىق 100،200 سائەتلىك ئوتتۇرچە سىزىقتىن چۈشۈپ كەتسە، كۈمۈش باھاسى يەنىلا چۈشۈشنى ئاساس قىلىشى مۇمكىن.

كۈمۈش باھاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالقىلىق توسالغۇ نۇقتىسى 16.33、16.42、16.50 ، ھالقىلىق تىرەش نۇقتىسى 16.18、16.03、15.60 ؛
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.